Windows 8 نىڭ تىل ئارايۈز بولىقى (LIP) بولسا Windows 8 نىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان جايلىرىنىڭ يەرلىكلەشتۈرۈلگەن ئارايۈزىدۇر.
Note:There are multiple files available for this download.Once you click on the "Download" button, you will be prompted to select the files you need.
LIP_ug-CN-32bit.mlc
LIP_ug-CN-64bit.mlc
Windows تىل ئارايۈز بولىقى (LIP) بولسا Windows نىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان جايلىرىنىڭ تەرجىمىسىدۇر. تىل ئارايۈز بولىقى قاچىلانغاندىن كېيىن، يېتەكچى پىروگرامما، دىيالوگ رامكىسى، تىزىملىكلەر، «ياردەم ۋە قوللاش» تېمىلىرى ۋە ئىشلەتكۈچى ئارايۈزىدىكى باشقا تېكىستلەر LIP تىلىدا كۆرسىتىلىدۇ. تەرجىمە قىلىنمىغان تېكىست Windows 8 نىڭ ئاساسىي تىلىدا كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن، Windows 8 نىڭ ئىسپانچە نەشرىنى سېتىۋالغان بولسىڭىز، بەزى تېكىستلەر يەنىلا ئىسپانچە كۆرۈنىدۇ. بىر ئاساسىي تىل ئۈستىگە بىرنەچچە LIP نى قاچىلىيالايسىز. Windows LIP نى Windows 8 نىڭ بارلىق نەشىرلىرىگە قاچىلاشقا بولىدۇ.
قوللايدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى:
Windows 8
- بۇ بەتتىن «چۈشۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، چۈشۈرۈشنى باشلاڭ ياكى ئېسىلما تىزىملىكتىن باشقا تىلنى تاللاڭ.
- تۆۋەندىكىلەرنىڭ بىرىنى قىلىڭ:
- قاچىلاشنى ھازىر باشلاش ئۈچۈن، «ئىجرا قىلىش» نى چېكىڭ.
- چۈشۈرۈشنى كومپيۇتېرىڭىزغا ساقلىۋېلىپ كېيىن قاچىلاش ئۈچۈن، «ساقلاش»نى چېكىڭ
- قاچىلاشتىن كېيىنكى كۆرسەتمىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ يەرنى چېكىڭ
- بايقالغان مەسىلىلەر ئۈچۈن، بۇ يەرنى چېكىڭ