Trace Id is missing
ئاساسىي مەزمۇنغا ئۆتۈش
‏‏تىزىملاپ كىرىش

Microsoft® Office Language Interface Pack 2013 – ئۇيغۇرچە

«Microsoft Office Language Interface Pack 2013 - ئۇيغۇرچە» كۆپلىگەن Microsoft Office 2013 ئەپلىرىنى تەرجىمە قىلىنغان ئارايۈز بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەسكەرتىش! تۆۋەندىن تىل تاللىسىڭىز، پۈتۈن بەت مەزمۇنى شۇ تىلغا ئۆزگىرىدۇ.

  • نەشرى:

    2013

    ئېلان قىلىنغان:

    2013-14-11

    ھۆججەت نامى:

    languageinterfacepack-x64-ug-cn.exe

    languageinterfacepack-x86-ug-cn.exe

    ھۆججەت سىغىمى:

    12.7 MB

    12.7 MB

      «Microsoft Office Language Interface Pack 2013 – ئۇيغۇرچە» تۆۋەندىكى Microsoft Office 2013 ئەپلىرىنى تەرجىمە قىلىنغان ئارايۈز بىلەن تەمىنلەيدۇ:

    • Microsoft Excel® 2013

    • Microsoft OneNote® 2013

    • Microsoft Outlook® 2013

    • Microsoft PowerPoint® 2013

    • Microsoft Word 2013


    • «Microsoft Office Language Interface Pack 2013 – ئۇيغۇرچە» ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەر Office ئەپلىرىنى ئەسلى قاچىلانغان تىلدا ئىشلىتەلىگەندىن باشقا، بۇيرۇق ۋە تاللانمىلارنى ئۇيغۇرچە كۆرەلەيدۇ.

      Microsoft Office Language Interface Pack 2013 نى قاچىلاش جەريانىدا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئارايۈز تىلىنى ئۆزگەرتىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ھۆججەتلەر نىشان قاتتىق دىسكىغا كۆچۈرۈلىدۇ. قاچىلاش تاماملانغاندىن كېيىن، Office 2013 ئەپلىرى ۋە Microsoft Office 2013 نىڭ تىل تەڭشەش ئورنىدا «Microsoft Office Language Interface Pack 2013 - ئۇيغۇرچە» نى ئىشلەتكىلى ۋە تاللىغىلى بولىدۇ.
  • قوللايدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى

    Windows 8

      Microsoft Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى - 32 ياكى 64 بىتلىق
      ئەسكەرتىش: مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تىلىڭىزنى كۆڭۈلدىكىدەك قوللىشى ئۈچۈن، ئەڭ يېڭى مۇلازىمەت بولىقىنى قاچىلاڭ.

    يۇمشاق دېتال Office 2013 نىڭ Microsoft Excel, Microsoft OneNote, Microsoft Outlook, Microsoft PowerPoint ياكى Microsoft Word نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى «Microsoft Office Language Interface Pack 2013 - ئۇيغۇرچە» نى قوللايدىغان ھەرقانداق يۈرۈشلۈك ياكى مۇستەقىل نۇسخىسى. دىققەت: Microsoft Office مەھسۇلاتلىرىغا Microsoft Office نىڭ ئەڭ يېڭى مۇلازىمەت بولىقىنىڭ قاچىلانغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. بۇ ياخشى ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىشنىڭ كاپالىتى.

    كومپيۇتېر ۋە مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچ SSE2 نى قوللايدىغان 1 GHz لىق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچ؛ 2 GB لىق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى RAM بولۇشى كېرەك

    دىسكا بوشلۇقى قاچىلانغان Office 2013 ئەپلىرى ئىشلەتكەن قاتتىق دىسكا بوشلۇقىدىن باشقا،
  • 3 GB بوشلۇق بولۇشى كېرەك.

  • باشقا تەلەپلەر سىز «Microsoft Office Language Interface Pack 2013 - ئۇيغۇرچە» بىلەن ئىشلىتىۋاتقان Office 2013 ئەپلىرىنىڭ سىستېما تەلەپلىرى بىلەن ئوخشاش.


  • Windows Language Interface Pack مەشغۇلات سىستېمىسى ھەمدە ئەپلەرنىڭ تىلىنى كۆڭۈلدىكىدەك كۆرسىتىش ئۈچۈن، Windows 7 ياكى Windows 8 نىڭ ئەڭ يېڭى Language Interface Packs نى قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

    ئېكران ئېنىقلىقى ۋە DPI تەڭشىكى كۆپلىگەن خەت نۇسخىلىرى 1366x768 لىق ئېكران ئېنىقلىقىغا ماسلاشتۇرۇپ ياسالدى. ئەگەر ئۆز تىلىڭىزدىكى خەتلەرنى ئوقۇشتا قىينالسىڭىز، ئېكران ئېنىقلىقىنى شۇنىڭغا، ياكى زۆرۈر بولسا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئېنىقلىققا تەڭشەڭ. دىققەت قىلىڭ: Office 2013 نى Windows نىڭ باش DPI تەڭشىكىدە 96 DPI گە تەڭشەپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. 120 DPI گە تەڭشىگەندە بەزى Office ئەپلىرىنىڭ كۆزنىكى بەك چوڭ ئېچىلىپ، قوللانچىلار Office نى ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈمىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن.

    رايون ۋە تىل تاللانمىلىرى يەنە شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، «تىزگىن تاختا» دىكى «رايون ۋە تىل تاللانمىلىرى» «Microsoft Office Language Interface Pack 2013 - ئۇيغۇرچە» نىڭ تىلىغا تەڭشىلىشى كېرەك.

  • بۇ چۈشۈرۈلمىنى قاچىلاش ئۈچۈن:
    1. ئۈستىدىكى «چۈشۈرۈش» كونۇپكىسىنى چېكىپ، LanguageInterfacePack.exe نى چۈشۈرۈڭ ۋە ھۆججەتنى قاتتىق دىسكىڭىزغا ساقلاڭ.
    2. ئاندىن قاتتىق دىسكىڭىزدىكى LanguageInterfacePack.exe پىروگرامما ھۆججىتىنى قوش چېكىپ، قاچىلاش پىروگراممىسىنى قوزغىتىڭ.
    3. ئېكراندىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە داۋاملاشتۇرۇپ، قاچىلاشنى تاماملاڭ.
    4. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، Microsoft Office 2013 Language Interface Pack نىڭ چۈشەندۈرۈش ھۆججىتىنى C:\Program Files\Common Files\microsoft shared\OFFICE15\1152\LIPread.htm دىن تاپالايسىز.
    5. Office 2010 نى Office 2010 Language Interface Pack بىلەن يېڭىلاشقا ياكى Office 2013 Language Interface Pack بولغان Office 2013 تىن ئىلگىرىكى نۇسخىلارغا يېڭىلاشقا بولمايدۇ. ئەگەر Office 2010 نى Office 2013 Language Interface Pack نى ئۆز ئىچىگە ئالغان Office 2013 كە يېڭىلىماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك قىلىڭ:
      • Office 2010 Language Interface Pack نى ئۆچۈرۈڭ.
      • Office 2013 نىڭ قاچىلىغۇچىسىنى قوزغىتىپ، يېڭىلاش تاللانمىلىرىنى تاللاڭ.
      • Office 2013 نى قاچىلاش تاماملانغاندا، Office 2013 Language Interface Pack نى قاچىلاپ تەڭشەڭ.



    Office مەھسۇلاتىنى ئاكتىپلاش:
    «Microsoft Office ئاكتىپلاش يىتەكچىسى» نىڭ رامكىسىدىكى خەتلەرنى ئوقۇشتا مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، ياكى Microsoft Office Language Interface Pack 2013 نى ئىشلەتكەندە قاچىلىغۇچنىڭ خەتلىرى نورمال كۆرۈنمىسە، «ئاساس تىل» غا ئالماشتۇرۇپ، Microsoft Office مەھسۇلاتىنى ئاكتىپلاڭ.

    ئىشلىتىش كۆرسەتمىلىرى:
    ئارايۈز تىلىنى «Microsoft Office Language Interface Pack 2013 – ئۇيغۇرچە» گە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك قىلىڭ:

    1. باشلاش//بارلىق پىروگراممىلار//Microsoft Office//Microsoft Office قوراللىرى تىزىملىكىدىن Microsoft Office 2013 تىل تەڭشىكىنى قوزغىتىڭ.
    2. ئاندىن «كۆرسىتىش ۋە ياردەم تىللىرىنى تاللاش»، «كۆرسىتىش تىلى» نىڭ ئاستىدىن كېرەكلىك تىلنى تاللاپ، ئاندىن «باش قىلىپ بەلگىلەش» كونۇپكىسىنى چېكىڭ.
    3. «تەھرىرلەش تىلىنى تاللاش» نىڭ ئاستىدىن كېرەكلىك تىلنى تاللاپ، ئاندىن «باش قىلىپ بەلگىلەش» كونۇپكىسىنى چېكىڭ.
    4. «ماقۇل» نى چېكىڭ.


    سىز تاللىغان تىل تەڭشىكى Office ئەپلىرىنى كېيىنكى قېتىم قوزغاتقاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
    دىققەت: ياردەم تىلىنى «Microsoft Office Language Interface Pack 2013 – ئۇيغۇرچە» گە تەڭشىگىلى بولمايدۇ. ياردەم تىلى ئەسلى قاچىلانغان تىل پېتى قالىۋېرىدۇ.
    ياردەم تىلىنى دائىم سىيرىلما تىزىملىكتىن ئاساس تىلغا تەڭشەڭ.

    بۇ چۈشۈرۈلمىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن:
  • بارلىق Microsoft Office پىروگراممىلىرىدىن چېكىنىڭ.
  • Windows تىزگىن تاختىسىدىكى پىروگرامما ۋە ئىقتىدارلار نىڭ سىنبەلگىسىنى قوش چېكىڭ.
  • «پىروگرامما ئۆچۈرۈش ياكى ئۆزگەرتىش» تاللانمىسىنىڭ «نۆۋەتتە قاچىلانغان پىروگراممىلار» دېگەن رامكىسىدىن «Microsoft Office Language Interface Pack 2013 – ئۇيغۇرچە» نى چېكىپ، ئاندىن «ئۆچۈرۈش» نى تاللاڭ.
  • ئېكراندىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.