ھوقۇقىڭىز
1. مەخپىيەتلىكىڭىز. مەخپىيەتلىكىڭىزنى مۇھىم بىلىمىز. Microsoft مەخپىيەتلىك تۈزۈمى (https://go.microsoft.com/fwlink/?LinkId=521839) (Microsoft مەخپىيەتلىك تۈزۈمى) نى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ، ئۇ سىز ۋە ئۈسكۈنىڭىزدىن توپلايدىغان مەلۇمات تۈرلىرى («مەلۇمات»)، ئۇلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىز ھەمدە مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاساسلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. «Microsoft مەخپىيەتلىك باياناتى» مۇ Microsoft نىڭ مەزمۇنلىرىڭىزنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئۇ مەزمۇنلارنىڭ ئىچىدە سىز باشقىلار بىلەن قىلغان ئالاقە، سىز «مۇلازىمەت» ئارقىلىق Microsoft قا يوللىغان يازما، سىز «مۇلازىمەت» ئارقىلىق يۈكلىگەن، ساقلىغان، تارقاتقان، قۇرغان ياكى ئورتاقلاشقان ھۆججەت، رەسىم، پۈتۈك، ئاۋاز، رەقەملىك ئەسەر، بىۋاسىتە تارقىتىش ۋە سىن قاتارلىقلار ياكى سىز مەزمۇن قۇرۇش ئۈچۈن كىرگۈزگەن ئۇچۇرلار بار (بۇلار «مەزمۇنلىرىڭىز» دېيىلىدۇ). مەخپىيەتلىك باياناتىدا جۇڭگودىكى Store تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ سىزدىن ئۇچۇر توپلاش، ئىشلىتىش ۋە ئۇلارنى قوغداش ئۇسۇلى تەپسىلىي ۋە ئايرىم چۈشەندۈرۈلىدۇ. جۇڭگودىكى Store تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى ۋە Microsoft مەخپىيەتلىك باياناتىدا دېيىلگەن بويىچە سىز مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەن ياكى بۇ كېلىشىم ۋە شەرتلەرگە قوشۇلغاندا، سىزدىن مەزمۇن ۋە مەلۇمات توپلاش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە قانۇن بويىچە ئىشلىتىشكە قوشۇلىسىز. مەخپىيەتلىك باياناتىدا چۈشەندۈرۈلگەن بويىچە، بەزى ئەھۋاللاردا بىز سىزدىن ئايرىم ئىجازەت سورايمىز ياكى سىزگە ئايرىم ئۇقتۇرىمىز.
مەزمۇنى
2. مەزمۇنلىرىڭىز. كۆپلىگەن مۇلازىمەتلىرىمىز مەزمۇن قۇرۇش، ساقلاش ياكى ئورتاقلىشىش ياكى باشقىلاردىن ماتېرىيال قوبۇللاشقا رۇخسەت قىلىدۇ. مەزمۇنلىرىڭىزغا قارىتا بىز ئىگىدارلىق ھوقۇقى تەلەپ قىلمايمىز. مەزمۇنلىرىڭىز سىزگە تەۋە ھەمدە ئۇلارغا سىز مەسئۇل.
- a. باشقا كىشىلەر بىلەن مەزمۇن ئورتاقلاشسىڭىز، ئورتاقلاشقان شۇ مەزمۇنلىرىڭىزنى ئۇلار سىزگە ھېچقانداق ھەق بەرمەي ئىشلىتىشى، ساقلىشى، خاتىرىلىشى، قايتا ئىشلىشى، تارقىتىشى، يوللىشى، ئورتاقلىشىش ۋە كۆرسىتىشى مۇمكىن، بۇلارنى ئېنىق چۈشىنىشىڭىز كېرەك.ئەگەر باشقىلار مەندەك قىلالمىسۇن دېسىڭىز، ئۇنداقتا ھەمبەھىرلىنىش مۇلازىمىتىنى ئىشلەتمەڭ سىزنىڭ بايانىڭىز بىلەن كاپالىتىڭىز مەزمۇنىڭىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ، بۇ ماددىلار سىزدە بار بولغان (ۋە بار بولىدىغان) بارلىق ھوقۇقلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ساقلاش ياكى ھەمبەھىرلەش ياكى مۇلازىمەت ئارقىلىق داۋاملىق يىغىۋالىمىز، مەزمۇنىڭىزنى ئىشلىتىش ۋا ساقلاپ قويۇش ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپ ئەمەس ھەم ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلغانلىق بولمايدۇ مەزمۇنلىرىڭىزغا Microsoft ئىگە بولمايدۇ، ھەق بەرمەيدۇ، ئۇلارنى تىزگىنلىمەيدۇ ياكى قوللىمايدۇ، سىز ئېلان قىلغان ياكى باشقىلار مۇلازىمەت ئارقىلىق يۈكلىگەن، ساقلىغان ياكى ئورتاقلاشقان مەزمۇنلارغا مەسئۇل بولمايدۇ.
- b. مۇلازىمەت ۋاقتىدا سىز ۋە باشقىلارنىڭ قوغداش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ھەمدەMicrosoft مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت دائىرىسى ئىچىدە سىزنىڭ مەزمۇنىڭىز Microsoft نىڭ پۈتۈن يەرشارى خاراكتېرلىك ۋە باج كەچۈرۈم قىلىنغان بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئىجازىتى ھوقۇقىغا ئېرىشىشى كېرەك، مەسىلەن، ساقلاش، تارقىتىش، قايتىدىن فورماتلاش، كۆرسىتىش ھەمدە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق مۇلازىمەتتىكى مەزمۇنلارنى نۇسخىلاش قاتارلىقلار. ئەگەر مۇلازىمەت دائىرىڭىزدىكى مەزمۇننى ئېلان قىلسىڭىز ئۇ توردا ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، مەزمۇنىڭىز بەلكىم ئۈلگە قىلىنىشى ياكى مۇلازىمەتنى كېڭەيتىش ماتېرىيالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن بەزى مۇلازىمەتلەر ئېلاننى قوللايدۇ Microsoft نى قانداق قىلىپ ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇلغان ئېلان ھالىتىدە كونترول قىلىش ئۇسۇلى بۇ يەردە https://choice.live.com بىز سىزنىڭ ئېلىكترونلۇق پوچتا يوللانمىڭىز، سۈرەتلىك سۆزلىشىش خاتىرىڭىز، ياكى ئاۋاز ھۆججىتىڭىز ياكى ئارخىپىڭىز، سۈرەت ۋە باشقا ھۆججەتلەرنى ئىشلەتمەي، ئېلاننى قويۇپ قويىمىز. Microsoft مەخپىيەتلىك باياناتىدا Microsoft نىڭ ئېلان تۈزۈمى ھەققىدە تېخىمۇ ئىنچىكە تەپسىلاتلار بار.
- c. Microsoft، Microsoft ھېساباتىڭىز بىلەن كىملىك تەستىقلاش قىلىنغاندا Microsoft مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش سۇپىسى (https://account.microsoft.com/privacy) ياكى مەھسۇلات ئىشلەتكۈچى ئارايۈزى ئارقىلىق ئېكسپورتلىنىدىغان مەلۇماتىڭىزغا ئېرىشىم ئىمكانى تەمىنلەيدۇ. بۇ ئېكسپورتلىنىدىغان مەلۇمات، ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگۈچى مۇلازىمەتلىرىگە ئۆتمەك ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. Microsoft، مۇلازىمەتلەر خەۋپسىزلىكىگە ياكى Microsoft نىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا تەھلىكە بولىدىغان مەلۇماتلارنىڭ ئېكسپورتلىنىشىنى چەكلەش ھەق-ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ. مەلۇماتلىرىڭىزنى بۇ مېخانىزملار ئارقىلىق ئېكسپورتلىيالمىسىڭىز، بىز بىلەن قانداق ئالاقە قىلىسىز بۆلۈمىدىكى (https://privacy.microsoft.com/privacystatement#mainhowtocontactusmodule) ئادرېستا ياكى تور گىرافىسى (https://go.microsoft.com/fwlink/?linkid=2126612) نى ئىشلىتىپ Microsoft بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت
3. ھەرىكەت ئۆلچىمى. «مۇلازىمەت» نى ئىشلەتكەندىكى ھەرىكەت ۋە مەزمۇنلارغا سىز مەسئۇل.
- a. بۇ «شەرتلەر» گە قوشۇلۇش ئارقىلىق، مۇستەقىل ھالدا ياكى ھەرخىل سەۋىيەدىكى ئىنسان مۇداخىلىسى بىلەن قارار قىلىدىغان ياكى ھەرىكەت قوللىنىدىغان AI مۇلازىمەتلىرىنى ھەم ئىچىگە ئالغان ھالدا «مۇلازىمەتلەر» نى ئىشلەتكەندە مۇنۇ قائىدىلەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقىڭىزغا قوشۇلغان بولىسىز:
- i. قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش، قانۇنسىز مەزمۇن قۇرۇش ياكى ئورتاقلىشىشقا بولمايدۇ.
- ii. بالىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان، تەھدىت سالىدىغان ھەرقانداق زوراۋانلىق قىلمىشى بىلەن شوغۇللىنىشقا بولمايدۇ
- iii. ئەخلەت يوللاش، ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، زىيانداش مەزمۇن قۇرۇش ياكى تارقىتىشقا بولمايدۇ. ئەخلەت خەت كېرەكسىز، باشقىلار تەلەپ قىلمىغان تورخەت، قىسقا ئۇچۇر (SMS)، تېز ئۇچۇر ۋە باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئالاقىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئالدامچىلىق ئېلېكتىرونلۇق ئالاقىدە باشقىلارنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ پارول، تۇغۇلغان ۋاقتى، كىملىك نومۇرى، پاسپورت نومۇرى، ئىناۋەتلىك كارتا نومۇرى قاتارلىق ئىقتىسادىي ياكى شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بىلىۋېلىش، مالىيە ئۇچۇرلىرى ياكى باشقا شەخسىي ھۆججەتلىرىنى ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىدۇر. ئىجرا بولىدىغان زىيانلىق پىروگراممىلارنى تەمىنلەش، مۇلازىمەتكە ھۇجۇم قىلىش، مۇلازىمىتېرغا ھۇجۇم قىلىدىغان مەشغۇلاتلارنى قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلىق زىيان سالىدىغان قىلمىشلار زىيانداش مەزمۇن ۋە قىلمىشقا تەۋە.
- iv. «مۇلازىمەت» ئارقىلىق بولمىغۇر مەزمۇن ياكى ماتېرىيال (شەھۋانىي، جىنسىي ئوچۇق، بولمىغۇر، زوراۋان، ئۆزى ياكى باشقىلارنى زىيانلاندۇرىدىغان، جىنايىي مەزمۇنلۇق) ياكى يەرلىك قانۇن-تۈزۈملەرگە ئۇيغۇن بولمىغان مەزمۇن ياكى ماتېرىياللارنى قۇرۇش ياكى ئورتاقلىشىشقا بولمايدۇ.
- v. ئالدامچىلىق ياكى ساختىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ (مەسىلەن، باشقىلارنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىپ پۇل سوراش، ساختا ھېسابات قۇرۇش، قولدا قىلىدىغان مەشغۇلاتنى ئاپتوماتىك قىلىپ ساختىلاشتۇرۇش، ئادەم ئالدايدىغان مەزمۇن قۇرۇش ياكى ئورتاقلىشىش، «مۇلازىمەت» نى ئالداپ سان، رەت، باھا ياكى ئىنكاس ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ) ھەمدە ئىغۋا ۋە تۆھمەت قىلىشقا بولمايدۇ.
- vi. «مۇلازىمەت» نى ئىشلىتىشكە ئالاقىدار چەكلىمىلەرنى بۇزۇشقا بولمايدۇ (مەسىلەن، AI سىستېمىسىنى «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» ياكى ئىجازەت تەرتىپىنى بۇزۇش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ).
- vii. ئۆزىڭىزگە، «مۇلازىمەت» كە ۋە باشقىلارغا زىيانلىق قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ (ۋىرۇس يوللاش، باشقىلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈش، باشقىلارغا دەخلى قىلىدىغان مەزمۇن قۇرۇش ياكى ئورتاقلىشىش، باشقىلارنى بوزەك قىلىش ياكى تەھدىت سېلىش، تېررورلۇق ياكى زوراۋانلىق تۈرىدىكى مەزمۇن يوللاش، ئۆچمەنلىك بىلەن گەپ-سۆز قىلىش، باشقىلارغا زوراۋانلىق قىلىشنى تەشۋىق قىلىش شۇ خىل قىلمىشلارغا تەۋە).
- viii. باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ (مەسىلەن، نەشر ھوقۇقى بار مۇزىكا ياكى باشقا ماتېرىياللارنى ئىجازەتسىز ئورتاقلىشىش، Bing خەرىتىسىنى قايتا سېتىش ياكى تارقىتىش، باشقىلاردىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ باشقىلارنى رەسىمگە تارتىش/سىنغا ئېلىش، باشقىلارنىڭ بىيوئۆلچەملىك ئۇچۇرى/كىملىكىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە «مۇلازىمەت» نى ئىجازەت بېرىلگەندىن باشقا ھەرقانداق مەقسەتتە ئىشلىتىش شۇ خىل قىلمىشلارغا تەۋە).
- ix. باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان ياكى سانلىق مىقدارىنى قوغداش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىشقا بولمايدۇ
- x. باشقىلارنىڭ بۇ قائىدىلەرنى بۇزۇشىغا ياردەم قىلىشقا بولمايدۇ
- تۈزۈمىمىز، تەكشۈرۈشلىرىمىز، يۈرگۈزۈش تەرتىپلىرىمىز ۋە ھەرقايسى مۇلازىمەتلەرنىڭ كونكرېت شەرتلىرىنى تۆۋەندىن كۆرۈڭ: aka.ms/trustandsafety.
مۇلازىمەت ۋە قوللاشنى ئىشلىتىڭ
4. مۇلازىمەت ۋە ياردەم مەركىزىنى ئىشلىتىش.
- a. Microsoft ھېساباتى. كۆپلىگەن مۇلازىمەتلەرگە كىرىشتە Microsoft ھېساباتى بولۇشى كېرەك. Microsoft ھېساباتىڭىز ئارقىلىق Microsoft ۋە Microsoft نىڭ بەزى ھەمكارلاشقۇچىلىرى تەمىنلىگەن مەھسۇلات، توربېكەت ۋە مۇلازىمەتلەرگە تىزىملاپ كىرەلەيسىز.
- i. ھېسابات نومۇرى ئېلىش. توردا تىزىملىتىش ئارقىلىق Microsoft ھېساباتى قۇرالايسىز. Microsoft ھېساباتى تىزىملاتقاندا خاتا، نامۇۋاپىق ياكى ئادەم قايمۇقتۇرىدىغان ئۇچۇرلارنى ئىشلەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىسىز. مەلۇم خىل ئەھۋالدا ئۈچىنچى تەرەپ، مەسىلەن سىزنىڭ ئىنتېرنېت تور تەمىنلىگۈچىڭىز بەلكىم سىزگە بىر Microsoft ھېسابات نومۇرى بېرىشى مۇمكىن ئەگەر ئۈچىنچى تەرەپتىن Microsoft ھېسابات نومۇرىغا ئېرىشسىڭىز، ئۈچىنچى تەرەپ ھېسابات نومۇرىڭىزغا بەلكىم بەزى ھوقۇقلارنى بېرىشى مۇمكىن، مەسىلەن Microsoft ھېسابات نومۇرىنى بىكار قىلىۋېتىش دېگەندەك ئۈچىنچى تەرەپ ھېسابات نومۇرى بىلەن تەمىنلىگەن ۋاقىتتا، قوشۇمچە ماددىلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈڭ، چۈنكى Microsoft قوشۇمچە ماددىلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ئەگەر باشقا بىرىگە ۋاكالىتەن Microsoft ھېسابات نومۇرى بىجىرگەن بولسىڭىز، مەسىلەن كارخانا ياكى خۇجايىنىڭىز ئۈچۈن، بۇ سۇبىكىتنىڭ كېلىشىمدىكى ماددىلار بىلەن باغلىنىشلىقى بارلىقى ئىپادىلىشىڭىز كېرەك Microsoft ھېساباتىڭىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى باشقا ئىشلەتكۈچىگە بەرسىڭىز بولمايدۇ. بۇ سىزنىڭ ھېسابات نومۇرىڭىز، ھېسابات نومۇرىڭىزدىكى ئۇچۇرلار ۋە مەخپىي نومۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن. Microsoft ھېساباتىڭىزدا كۆرۈلگەن ھەرقانداق مەشغۇلاتقا ئۆزىڭىز مەسئۇل بولىسىز.
- ii. ھېسابات ئىشلىتىلىشى. Microsoft ھېساباتىڭىزنى ئاكتىپ ھالەتتە تۇتماق ئۈچۈن ئۇنى ئىشلىتىشىڭىز كېرەك. بۇ، https://go.microsoft.com/fwlink/p/?linkid=2086738 دىكى Microsoft ھېساباتى ئاكتىپلىقى سىياسىتىدە ياكى «مۇلازىمەتلەر» نىڭ ھەقلىق بىر قىسمى ئۈچۈن قىلىنغان بىر تەكلىپتە تېخىمۇ ئۇزۇن بىر مۇددەت تەمىنلەنمىگەن ئەھۋالدا، Microsoft ھېساباتىڭىزنى ۋە باغلاشتۇرۇلغان «مۇلازىمەتلەر» نى (ئەكسى بەلگىلەنمىگەنلا بولسا) ئاكتىپ تۇتماق ئۈچۈن ئىككى يىللىق بىر مۇددەت ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم تىزىملاپ كىرىشىڭىز كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەگەر بۇ مەزگىلدە تىزىملاتمىسىڭىز، بىز سىزنىڭ Microsoft ھېسابات نومۇرىڭىزنى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىمىز. Microsoft ھېساباتىنى ئېتىشنىڭ ئاقىۋەتلىرى 4.a.iv.2 دېگەن بۆلەكتە چۈشەندۈرۈلدى. Outlook.com خەت ساندۇقى بىلەن OneDrive غا (ئايرىم) يىلدا كەمىدە بىر قېتىم تىزىملاپ كىرىشىڭىز كېرەك، بولمىسا Outlook.com خەت ساندۇقىڭىز ۋە OneDrive بوشلۇقىڭىزنى ئېتىمىز. ئەگەر Microsoft ھېساباتىڭىزنى خەتەردە قالدى (باشقىلار ئىشلەتتى ياكى ساختىلىق كۆرۈلدى) دەپ گۇمانلانساق، Microsoft شىركىتى ھېساباتىڭىزنى توڭلىتىپ قويۇشى مۇمكىن، قايتا ئېچىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. كۆرۈلگەن ئىجازەتسىز قىلمىشنىڭ خاراكتېرى بويىچە بىر قىسىم ياكى بارلىق مەزمۇنلىرىڭىزنى زىيارەت قىلىشتىن چەكلەشكە مەجبۇر بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەگەر Microsoft ھېساباتىڭىزغا كىرىشتە مەسىلە بولسا، بۇ توربېكەتكە كىرىڭ: https://go.microsoft.com/fwlink/?LinkId=238656.
- iii. بالىلار ۋە ھېسابات نومۇرى مۇلازىمەتنى ئىشلەتسىڭىز ياكى Microsoft ھېساباتى قۇرسىڭىز، تۇرۇشلۇق رايوندىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن قۇرامىغا يېتىش يېشىغا توشقانلىقىڭىزنى بىلدۈرگەن، ھەمدە بۇ شەرتلەرگە قوشۇلغان، ئەگەر ئۆسمۈر بولسىڭىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بۇ شەرتلەرگە سىزگە ۋاكالەتەن قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولىسىز. رايونىڭىزدىكى قۇرامىغا يېتىش يېشىنى بىلمىسىڭىز ياكى بۇ كېلىشىمدىكى قانۇنىي مەجبۇرىيەتلىرىڭىزنى چۈشەنمىسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز ياكى قانۇنىي ھامىيىڭىزدىن ياردەم سوراڭ. ئەگەر ئۆسمۈرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇنىي ھامىيسى بولسىڭىز، سىز ۋە شۇ ئۆسمۈر Microsoft ھېساباتى ياكى مۇلازىمەتلىرى، شۇنداقلا ئۇ ئارقىلىق ئىشلىتىدىغان ياكى سېتىۋالىدىغان بارلىق مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلاتقا ئالاقىدار شەرتلەرگە قوشۇلىسىلەر.
- iv. ھېساباتىڭىزنى ئېتىۋېتىڭ
- 1. خالىغان ۋاقىتتا خالىغان سەۋەب بىلەن مۇلازىمەتنى بىكار قىلالايسىز ياكى Microsoft ھېساباتىڭىزنى ياپالايسىز. Microsoft ھېسابات نومۇرىڭىزنى ئېتىۋەتمەكچى بولسىڭىز، https://account.live.com/closeaccount.aspx نى ئېچىڭ. Microsoft ھېساباتىڭىزنى يېپىشىمىزنى سورىغىنىڭىزدا، ناۋادا پىكرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ قالسىڭىز دەپ ئۇنى 30 ۋەيا 60 كۈنگىچە ئاسقۇغا ئېلىنغان بىر ھالەتكە قويۇشنى تاللىيالايسىز. شۇ 30 ۋەيا 60 كۈنلۈك مۇددەتتىن كېيىن، Microsoft ھېساباتىڭىز يېپىلىدۇ. Microsoft ھېساباتىڭىز يېپىلغاندا نېمىلەر بولىدىغىنى توغرىسىدىكى بىر چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، مەرھەمەت پەستىكى 4.ئا.iv.2 بۆلىكىنى كۆرۈڭ. بۇ ئاسقۇغا ئېلىش مۇددىتى داۋامىدا قايتا ھېسابقا كىرىش، Microsoft ھېساباتىڭىزنى قايتا ئاكتىپلاشتۇرىدۇ.
- 2. ئەگەر (سىز ياكى بىز تەرەپتىن) Microsoft ھېساباتىڭىز يېپىلسا، بىر نەچچە ئىش كۆرۈلىدۇ. بىرىنچى، Microsoft ھېساباتى ئارقىلىق مۇلازىمەت ئىشلىتىش ھوقۇقىڭىز دەرھال توختايدۇ. ئىككىنچى، (مەزمۇن ۋە مەلۇماتلىرىڭىزنى ساقلاپ قېلىش، قايتۇرۇش ياكى ئۈچىنچى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە قانۇنىي تەلەپ بولمىسىلا) Microsoft ھېساباتىڭىزغا باغلاق مەلۇمات ياكى مەزمۇنلىرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى ئۇلارنىڭ سىز ياكى Microsoft ھېساباتىڭىز بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئۈزىمىز. ھېساباتىڭىز يېپىلغاندىن كېيىن Microsoft مەزمۇنلىرىڭىز ياكى مەلۇماتلىرىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ئۆزىڭىز زاپاسلىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئۈچىنچى، بۇرۇن ئالغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. تۆتىنچى، سىز تەمىنلىگەن تورخەت ئادرېسى ئارقىلىق ھېسابات قۇرۇشنى ۋاقىتلىق توسۇشىمىز مۇمكىن.
- b. تەكشۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىش. كۆپىنچە مۇلازىمەتلىرىمىز ئارقىلىق مەزمۇن قۇرۇش ۋە ئورتاقلىشىشقا بولىدۇ، مۇلازىمەت ۋە باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنى قوللىنىش ئۈچۈن بۇ مۇلازىمەتلەرگە بىخەتەرلىك سىستېمىلىرى ئىشلىتىلگەن.
- i. تۈزۈم. ھەرىكەت ئۆلچىمى مۇلازىمەتلىرىمىزنى ئىشلەتكەندە چەكلىنىدىغان ئىشلارنى بېكىتىدۇ. بىزنىڭ مەزمۇن ۋە ھەرىكەت تۈزۈمىمىزنى بۇ يەردىن (https://www.microsoft.com/DigitalSafety/policies) كۆرۈڭ. مۇئەييەن مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۆز ئىشلەتكۈچىلىرىگە تەتبىقلىنىدىغان قوشۇمچە تۈزۈملىرى ۋە مەھەللە ئۆلچەملىرى بار، ئۇلارنى بۇ يەردىن (https://aka.ms/trustandsafety) كۆرۈشكە بولىدۇ.
- ii. پاش قىلىش. ھەرىكەت ئۆلچىمىگە خىلاپ مەزمۇن ياكى قىلمىشلارنى بۇ يەر (https://aka.ms/reportconcerns) دىن پاش قىلسىڭىز بولىدۇ.
- iii. تەكشۈرۈش. زۆرۈر بولغاندا ئادەم كۈچى ياكى ئاپتوماتىك سىستېمىلار ئارقىلىق مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈپ، ئەخلەت، ۋىرۇس، ئالدامچىلىق، زىيانداش، «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» قاتارلىق ھەرىكەت ۋە مەزمۇن ھەمدە باشقا قانۇنسىز ياكى زىيانلىق مەزمۇنلارنى توسىمىز.
- iv. ئىجرا قىلىش. «مۇلازىمەت» رۇخسەت قىلغان سىغىم چېكى ياكى بوشلۇق چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن مەزمۇننى رەت قىلىش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. مەزمۇن ھەرىكەت ئۆلچىمىمىز ياكى باشقا مۇلازىمەت تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلسا، قانۇن بويىچە ئۇلارنى توسىمىز، چىقىرىۋېتىمىز ياكى كۆرسىتىشنى رەت قىلىمىز. ئەگەر سىز بۇ ماددىلارغا ياكى تۈزۈملەرگە (https://aka.ms/trustandsafety) خىلاپلىق قىلسىڭىز، بىز ھېساباتىڭىزغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشىمىز مۇمكىن. بۇ ئىقتىدار ياكى «مۇلازىمەت» تەمىنلەشنى توختىتىش ياكى چەكلەش، Microsoft ھېساباتىڭىزنى دەرھال ئېتىش ياكى مۇلازىمەت ئارقىلىق ئالاقە (تورخەت، ھۆججەت ئورتاقلىشىش ياكى تېز ئالاقە ئۇچۇرى ئىقتىدارى) تەمىنلەشنى توسۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇلازىمەت ياكى ھېساباتىڭىزغا كىرىش ئىقتىدارى ئېتىلسە، سىزگە بېرىلگەن ئالاقىدار مەزمۇن ئىجازىتى، مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن، ئەزالىق Microsoft ھېساباتىڭىزدىكى قالدۇق پۇل قاتارلىقلار مۇسادىرە قىلىنىشى مۇمكىن. بۇ شەرتلەردىكى خىلاپلىق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرگەندە، Microsoft مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالاقىدار مەزمۇننى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئەمما «مۇلازىمەت» نى تولۇق نازارەت قىلىپ بولالمايمىز ھەمدە ئۇنداق قىلىش نىيىتىمىزمۇ يوق. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە ئىجرا قىلىش تەرتىپى (https://www.microsoft.com/DigitalSafety/moderation-and-enforcement)، مۇلازىمەتنىڭ مۇئەييەن ماددىلىرى، قوشۇمچە تۈزۈم ۋە كۆرسەتمىلەر (https://www.microsoft.com/DigitalSafety/policies/additional-guidelines)، شۇنداقلا ئەرز-شىكايەتلەر (https://www.microsoft.com/DigitalSafety/moderation-and-enforcement/appeals) ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى https://aka.ms/trustandsafety ئارقىلىق كۆرۈڭ. بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىشقا ئالاقىدار تۈزۈملىرىمىزنى بۇ ئۇقتۇرۇشتىن كۆرۈڭ.
- c. خىزمەت ياكى مەكتەپ ھېساباتى. بەزى Microsoft مۇلازىمەتلىرىگە خىزمەت ياكى مەكتەپ تورخەت ئادرېسى ئارقىلىق تىزىملاپ كىرەلەيسىز. شۇنداق قىلسىڭىز، تورخەت ئادرېسىڭىز بىلەن باغلىنىشلىق دائىرە نامىنىڭ ئىگىسىگە Microsoft ھېساباتىڭىزنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ئۇنىڭغا باغلانغان مۇشتەرىلىكلەر ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك، دائىرە ئىگىسىنىڭ ھېساباتىڭىزنى تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش، مەلۇماتلىرىڭىزنى زىيارەت قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، ھۆججەت ۋە ئالاقە مەزمۇنلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ھېسابات ياكى مەلۇمات خەتەرگە ئۇچرىسا، Microsoft دائىرە ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇشى مۇمكىن. يەنە Microsoft مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىش ھەرىكىتىڭىزنىڭ Microsoft بىلەن سىز ياكى ئىدارىڭىز تۈزگەن كېلىشىم بويىچە باشقۇرۇلۇشى ۋە بۇ شەرتلەرنىڭ قوللىنىلمايدىغانلىقىغا قوشۇلغان بولىسىز. ئەگەر سىزدە Microsoft ھېساباتى بار بولۇپ، بۇ شەرتلەر بويىچە باشقۇرۇلىدىغان مۇلازىمەتكە ئايرىم خىزمەت ياكى مەكتەپ تورخەت ئادرېسى ئارقىلىق كىرسىڭىز، شۇ مۇلازىمەتنى داۋاملىق راۋان ئىشلىتىش ئۈچۈن Microsoft ھېساباتىڭىز بىلەن باغلانغان تورخەت ئادرېسىنى يېڭىلاش ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرىلىشى مۇمكىن.
- d. قوشۇمچە ئۈسكۈنە/كۆچمە ئېقىم پىلانى. كۆپلىگەن «مۇلازىمەت» نى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىنتېرنېت ۋە/ياكى يۈرۈشلۈك كۆچمە ئېقىم كېرەك. يەنە تىڭشىغۇچ، كامېرا ياكى مىكروفون دېگەندەك قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەر كېرەك. «مۇلازىمەت» نى ئىشلىتىش ئۈچۈن كېرەك بولغان تور، يۈرۈشلۈك كۆچمە ئېقىم ۋە ئۈسكۈنىلەرگە ۋە ئالاقىدار ھەقلەرگە ئۆزىڭىز مەسئۇل. ئېقىم ياكى ئۈسكۈنە ئۈچۈن تۆلىگەن ئۇ ھەقلەرگە بۇ «مۇلازىمەت» ئىگە ئەمەس. شۇنداق ھەقلەر ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئالاقىدار مۇلازىمەت ياكى ئۈسكۈنە تەمىنلىگۈچىدىن سۈرۈشتۈرۈڭ.
- e. مۇلازىمەت ئۇقتۇرۇشى. مۇلازىمەت ھەققىدە سىزگە ئۇقتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلار بولسا، مۇلازىمەت ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىمىز. Microsoft ھېساباتىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك تورخەت ئادرېسىڭىز ياكى تېلېفون نومۇرىڭىزنى بىزگە بەرسىڭىز، تورخەت ياكى (قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق) تېلېفونىڭىزغا مۇلازىمەت ئۇقتۇرۇشلىرىنى ئەۋەتىشىمىز مۇمكىن، تېلېفون نومۇرىڭىزنى تىزىملىتىش ياكى مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنقى كىملىك دەلىللەش ئۇچۇرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. مۇلازىمەت ئۇقتۇرۇشلىرىنى يەنە (مەھسۇلاتنىڭ ئىچىدىكى ئۇچۇر ئىقتىدارى دېگەندەك) باشقا ئۇسۇللاردا يوللىشىمىزمۇ مۇمكىن. قىسقا ئۇچۇر (SMS) ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغاندا تور ياكى ئۇچۇر ھەققى كېلىشى مۇمكىن.
- f. قوللاش. بەزى «مۇلازىمەتلەر» ئۈچۈن قوللاش https://support.microsoft.com دا مەۋجۇتتۇر ۋە بۇ «شەرتلەر» تەرىپىدىىن ئىدارە قىلىنىدۇ ۋە بەزى «مۇلازىمەتلەر»، قوشۇمچە شەرتلەرگە ئوبيېكت بولغان ھالدا ئايرىم ياكى قوشۇمچە خېرىدار قوللاش مۇلازىمىتى سۇنىشى مۇمكىن. قوللاش، ئىقتىدارلارنىڭ ياكى «مۇلازىمەتلەر» نىڭ ئالدىن كۆرۈش ياكى سىناق نەشىرلىرى ئۈچۈن مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن. قوللاشنىڭ ئىشلەتكىلى بولۇشچانلىقى، مەھسۇلات ھايات دەۋرىنىڭ باسقۇچىغا ئاساسەن ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن ۋە Microsoft ھايات دەۋرى دە بايان قىلىنغان قوللاشچانلىق ئۈچۈن تېگىشلىك مىنىمۇم تەلەپلەرنى قاندۇرۇدىغان، لاياقەتلىك ۋە ئىناۋەتلىك ئىجازەتنامىگە ئىگە «مۇلازىمەت (لەر)» ىڭىز بولۇشى كېرەك (https://learn.microsoft.com/lifecycle). «مۇلازىمەتلەر»، ئۈچىنچى تەرەپلەر تەمىنلىگەن يۇمشاق دېتال ياكى مۇلازىمەتلەر بىلەن ماسلاشچان بولماسلىقى مۇمكىن، ماسلاشچانلىق تەلەپلىرى ھەققىدە ئۆزىڭىزنى مەلۇماتلاندۇرماق سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىزدۇر.
- g. مۇلازىمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش. ئەگەر (سىز ياكى بىز تەرەپتىن) مۇلازىمەت ئاخىرلاشتۇرۇلسا، مۇلازىمەت ئىشلىتىش ھوقۇقىڭىز دەرھال توختاپ، ئالاقىدار يۇمشاق دېتال ئىجازەتلىرى دەرھال بىكار قىلىنىدۇ. يەنە «مۇلازىمەت» بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات ياكى مەزمۇنلىرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى Microsoft ھېساباتىڭىزدىن ئۈزىمىز (قانۇن ساقلاپ قېلىش، قايتۇرۇش، سىز ياكى ئۈچىنچى تەرەپكە ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا). ئاخىرىدا «مۇلازىمەت» نى داۋاملىق ئىشلىتەلمەيسىز («مۇلازىمەت» تە ساقلىغان مەزمۇنلىرىڭىزنىمۇ ئاچالمايسىز). شۇڭا مەلۇماتلىرىڭىزنى قەرەللىك زاپاسلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. ئۈچىنچى، بۇرۇن ئالغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئەگەر Microsoft ھېساباتىڭىزنى بىكار قىلسىڭىز ھەمدە «مۇلازىمەت» كە كىرىدىغان باشقا ھېساباتىڭىز بولمىسا، «مۇلازىمەت» دەرھال بىكار قىلىنىشى مۇمكىن.
ئۈچىنچى تەرەپنىڭ Appى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش
5. ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىش. بۇ مۇلازىمەتلەر مۇستەقىل ئۈچىنچى تەرەپلەر (Microsoft نىڭ بولمىغان شىركەتلەر ياكى شەخسلەر) دىن كەلگەن مەھسۇلات، مۇلازىمەت، تور بېكەت، ئۇلانما، مەزمۇن، ماتېرىيال، ئويۇن، ماھارەت، توپلاشتۇرما، ماشىنا ئادەم ياكى يۇمشاق دېتاللار («ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرى») نى زىيارەت قىلىشقا ياكى ئۇلارغا ئېرىشىشكە رۇخسەت قىلىدۇ. بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇلازىمەتلىرىمىز يەنە سىزنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىنى تېپىشىڭىزغا، ئۇلارغا ئىلتىماس يوللىشىڭىزغا ياكى ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا سىزنىڭ بۇ خىل ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىگە مەزمۇن ياكى مەلۇماتلىرىڭىزنى ئورتاقلىشىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىشى ياكى شۇنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن، شۇنداقلا شۇنى چۈشەندىڭىزكى، مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىنى سىزگە تەمىنلىشىگە كۆرسەتمە بەرگەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ. ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرى سىزنىڭ مەزمۇن ياكى مەلۇماتلىرىڭىزنى ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ نەشرىياتچىسى، تەمىنلىگۈچىسى ياكى يۈرۈتكۈچىسىگە ساقلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىشى ياكى شۇنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ياكى مۇلازىمەتلىرىنى قاچىلاش ياكى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئۇلار سىزگە ئۆزلىرىنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنى كۆرسىتىشى ۋە شەرتلىرىگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. Microsoft ياكى ئۇنىڭ قوشۇمچە ئورگانلىرى ئىگە بولغان ياكى شۇلار يۈرگۈزىدىغان بەزى دۇكانلار (Windows تىكى Microsoft Store، Xbox تىكى Office Store، Microsoft Store نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ) ئارقىلىق ئېرىشكەن يۇمشاق دېتاللارنىڭ قوشۇمچە ماددىلىرى ئۈچۈن 13.b-بۆلەكنى كۆرۈڭ. ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ئېلىش، ئىشلىتىش، تەلەپ قىلىش ياكى Microsoft ھېساباتىڭىزنى ئۇلارغا ئۇلاشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈملىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈڭ. ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ھېچقانداق شەرتلىرى بۇ شەرتلەرنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن قىلغان مۇئامىلىگە ئۆزىڭىز مەسئۇل، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇر ياكى مۇلازىمەتكە Microsoft ۋە بىزنىڭ جۇڭگودىكى دۇكانلار مەسئۇل ئەمەس. Microsoft ياكى بىزنىڭ جۇڭگودىكى دۇكانلار ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرى ئۈچۈن سىزگە بىلىم-مۈلۈك ئىجازىتى بەرمەيدۇ (جۇڭگودىكى دۇكان يۈرۈتكۈچىلەر ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىنى تارقاتقۇچى، تەمىنلىگۈچى ياكى يۈرۈتكۈچى بولغان ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا).
مۇلازىمەتنىڭ قوللىنىلىشى
6. مۇلازىمەتنىڭ قوللىنىلىشى
- a. مەزكۇر مۇلازىمەت ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرى ۋە مۇلازىمىتى ياكى ماتېرىيال، ياكى مەھسۇلات ئارقىلىق تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت بەلكىم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يوقىلىشى مۇمكىن، بەلكىم مەلۇم چەكلىمە ئاساسىدا ياكى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ئۈسكۈنىلەردە پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن ئەگەر Microsoft ھېسابات نومۇرىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇننى ئۆزگەرتسىڭىز، بەلكىم قايتىدىن ماتېرىياللارغا ئېرىشىشىڭىز ياكى سىز ۋە ئىلگىرىكى رايوندا ھەق تۆلەپ ئىشلىتىش بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن دۆلىتىڭىزدە قانۇنسىز دەپ قارالغان ياكى ئىجازەت بېرىلمىگەن ماتېرىيال ياكى مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلماسلىققا قوشۇلدىڭىز، ياكى شۇ ماتېرىيال ياكى مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن قانۇنسىز يول بىلەن زىيارەت قىلسىڭىز بولمايدۇ.
- b. نورمال يۈرۈشۈشىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىمىز، ھالبۇكى بارلىق تور مۇلازىمەتلىرى بەزىدە ئۈزۈلۈپ قېلىش ياكى توختاپ قېلىش ئەھۋالىغ دۇچ كەلسىمۇ، Microsoft قا ھېچقانداق زىيان –زەخمەت يەتمىسىمۇ، بەلكىم مۇشۇ سەۋەبلىك زىياننى ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتى سىزگە يۈكلىنىشى مۇمكىن توك توختاپ قالغان ۋاقىتتا، مەزمۇنلىرىڭىزنى ياكى ساقلانغان سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى قايتۇرىۋالالمايسىز مۇلازىمەت ياكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىدىكى مەزمۇن ۋە مەلۇماتلىرىڭىزنى دائىم زاپاسلاپ تۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مۇلازىمەت ياكى يۇمشاق دېتالنى يېڭىلاش ھەمدە ماددىلارنى ئۆزگەرتىش
7. مۇلازىمەت ياكى يۇمشاق دېتالنى يېڭىلاش ھەمدە ماددىلارنى ئۆزگەرتىش
- a. بىز بۇ بەلگىلىمىلەرنى ھەر ۋاقىت ئۆزگەرتىشىمىز مۇمكىن، بىز ئۆزگەرتكەن ۋاقتىدا سىزنى خەۋەرلەندۈرىمىز. بۇ كېلىشىم بويىچە ئىجازەتلەنگەن ھەرقانداق مۇلازىمەت ياكى يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكەندە، يېڭى كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەر كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، شۇ يېڭى ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ھەم قوشۇلغان بولىسىز. بۇ يېڭى شەرتلەرگە قوشۇلمىسىڭىز، مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشنى توختىتىپ، Microsoft ھېساباتىڭىزنى يېپىشىڭىز كېرەك، ئەگەر سىز ئاتا-ئانا ياكى ھامىي بولسىڭىز، سىز مەسئۇل بالىنىڭ Microsoft ھېساباتىنى يېپىشقا ياردەملىشىشىڭىز كېرەك.
- b. بەزىدە مۇلازىمەتنى داۋاملىق ئىشلىتىش ئۈچۈن يۇمشاق دېتال يېڭىلاشقا توغرا كېلىدۇ. قەرەللىك ھالدا يۇمشاق دېتالىڭىزنىڭ نەشرىنى تەكشۈرۈپ، يېڭىلانمىلارنى چۈشۈرۈپ، تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىمىز مۇمكىن. داۋاملىق مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ئۈچۈن سىزدىن يۇمشاق دېتالنىڭ نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ يېڭى ئۆزگەرتىشلەرگە باشقا بەلگىلىمىلەر قوشۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا يۇقىرىدىكى بەلگىلىمە ئىشلىتىلىدۇ، بۇنداق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا باشقا بەلگىلىمىلەر قوشۇلىدۇ Microsoft نىڭ يېڭىلانما چىقىرىش مەجبۇرىيىتى يوق ھەمدە سىز سېتىۋالغان ياكى ئىجازەت ئالغان يۇمشاق دېتال، ئەپ، مەزمۇن ياكى باشقا مەھسۇلاتنىڭ سىستېما نەشرىنى قوللاپ تۇرىدۇ دەپ كاپالەت بەرمەيدۇ. بۇ خىل يېڭىلانمىلار ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن يۇمشاق دېتال ياكى مۇلازىمەتكە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.
- c. ئۇنىڭدىن باشقا بىز مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى ياكى خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىش ياكى مۇلازىمەتنى توختىتىش ياكى ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ، مۇلازىمەتلارنى ئىشلىتىشنى توختاتقاندا مەلۇم ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق بولۇشىمىز مۇمكىن قانۇن تەلەپ قىلغاندىن باشقا ئەھۋالدا، ھەرقانداق ماتېرىيال، (13(k) ماددىدا دېيىلگەن) رەقەملىك مال ياكى بۇرۇن سېتىۋالغان ئەپلەرنى قايتا چۈشۈرۈشكە تەمىنلەش ياكى ئالماشتۇرۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق. مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭ ئىقتىدارلىرىنى سىناق نەشرىدە ئېلان قىلىشىمىز مۇمكىن، سىناق نەشرى توغرا ئىشلىمەسلىكى ياكى رەسمىي نەشرىدەك ياخشى ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن.
- d. ناخشا-مۇزىكا، ئويۇن، كىنو، كىتاب ۋە باشقىلاردەك رەقەملىك ھوقۇق باشقۇرغۇچ (DRM) ئارقىلىق قوغدالغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتەلىشىڭىز مۇمكىن، DRM يۇمشاق دېتاللىرى ھوقۇق مۇلازىمىتېرىغا ئۆزلۈكىدىن ئۇلىنىپ، DRM يېڭىلانمىلىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىشى مۇمكىن.
يۇمشاق دېتال ئىجازەتنامىسى
8. يۇمشاق دېتال ئىجازەتنامىسى. بىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق يۇمشاق دېتال مەزكۇر شەرتلەر ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ، Microsoft ئايرىم ئىجازەت كېلىشىمى تەمىنلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا (مەسىلەن، Windows نىڭ بىر بۆلىكى بولغان Microsoft ئەپلىرىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز، ئۇ خىل ئەپلەرنى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن چىقىرىلغان Microsoft يۇمشاق دېتال ئىجازەت كېلىشىمى باشقۇرىدۇ). Microsoft ياكى ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى (Office Store ۋە Windows دىكى Microsoft Store ھەمدە Xbox دىكى Microsoft Store لار شۇنىڭ ئىچىدە، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ) يۈرگۈزىدىغان بەزى Store ئارقىلىق ئالغان ئەپلەرگە تۆۋەندىكى 13(b)(i) دېگەن بۆلەك قوللىنىلىدۇ.
- a. مۇبادا سىز بۇ شەرتلەرگە چۈشۈپ قالسىڭىز، بىز مۇلازىمىتىمىزنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، يۇمشاق دېتالنى توغرا قاچىلاش ۋە ئىشلىتىشكە ئائىت قوشۇمچە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيمىز. ھەر بىر ئۈسكۈنىنى يەرشارى مىقياسىدا بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا ئادەم ئىشلىتەلەيدۇ. بەزى ئۈسكۈنىلەردە ئۇ خىل يۇمشاق دېتالنىڭ شەخسىي نەشرى ئالدىن قاچىلانغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇلارنى سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. مۇلازىمەتنىڭ بىر بۆلىكى بولغان يۇمشاق دېتال ياكى توربېكەتتە ئۈچىنچى تەرەپ كودلىرى بولۇشى مۇمكىن. ھەرقانداق ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ ئورگىنالى ياكى مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتال ياكى تور بىكەتلىرى توغرىسىدا ئۆزىڭىزنىڭ كودى بولغان تەقدىردىمۇ مىكروسوفت شېركىتى ياكى جۇڭگونىڭ ساقلىغۇچ تەمىنلىگۈچى سودىگىرى ئەمەس بەلكى ئۈچىنچى بىر تەرەپ سىزگە ھوقۇق بېرىدۇ. سەمىڭىزدە بولسۇن، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ كودى بولۇش ئېھتىماللىقى سىزگە ئۇقتۇرۇلدى.
- b. مەزكۇر يۇمشاق دېتال توغرىلىق ھوقۇق بەرگنىمىز ھەرگىزمۇ سېتىپ بەرگىنىمىز ئەمەس. مەيلى يوشۇرۇن بەلگە بېرىپ، سۈكۈت قىلىپ ياكى باشقا شەكىلدە بولمىسۇن بىز ئېنىق ھوقۇق بەرمىگەن يۇمشاق دېتاللار توغرىلىق بىز بارلىق ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. بۇ ئىجازەتتە سىزگە ھېچقانداق ھوقۇق بېرىلمىگەن شۇنداقلا سىز ئېرىشەلمەيسىز
- i. يۇمشاق دېتال ياكى مۇلازىمەتكە ئائىت ھەرقانداق تېخنىكىلىق قوغدىنىش تەدبىرلىرىدىن باش تارتمايمىز ياكى ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەيمىز
- ii. تەتۈر توپلام، تەتۈر شىفىر، شىفىر يېشىش، خاككىر ھۇجۇمى، تەقلىد قىلىش، پايدىلىنىش ياكى تەتۈر ئېنژىنىرلىق ھەرقانداق يۇمشاق دېتالى مۇلازىمەت ئارقىلىق زىيارەت قىلىنغان باشقا مۇلازىمەتنىڭ باشقا تەرەپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەلۇم دەرىجىدە ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى مۇشۇنداق قىلىشقا يول قويمىسىلا
- iii. يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەت ئوخشاش بولمىغان ئۈسكۈنىنىڭ مۇستەقىل قىسمىدا ئىشلىتىلىدۇ
- iv. بىز ئېنىق قىلىپ، ئىجازەت بەرمىگەن بولساقلا، مەزكۇر يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتنى نەشىر قىلىش، نۇسخىلاش، ئىجارىگە بېرىش، ئىجارە ئوبىكتى، سېتىش، ئېكىسپورت قىلىش، ئىمپورت قىلىش، پارچە سېتىش ياكى ئارىيەتكە بېرىشكە بولمايدۇ
- v. يۇمشاق دېتالنى كۆچۈرۈش، ھەرقانداق يۇمشاق دېتال ئىجازىتى ياكىبۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىشقا بېرىلگەن ھەرقانداق ھوقۇق
- vi. ياكى توردىكى ھەرقانداق ھوقۇق بېرىلمىگەن ئۇسۇلدا مەزكۇر مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە بەلكىم باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ياكى باشقا مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشى، سانلىق مەلۇمات، ھېسابات نومۇرىغا دەخلى قىلىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن
- vii. ئىجازەتسىز ئۈچىنچى تەرەپنىڭ (Xbox سۇپىسى ياكى Microsoft Surface قاتارلىق) Microsoft ئىجازەتلىگەن ئۈسكۈنە ياكى مۇلازىمەتلەرگە كىرىشى.
پۇل تۆلەش بەلگىلىمىسى
9. ھەق تۆلەش بەلگىلىمىسى ئەگەر مۇلازىمەتنى سېتىۋالغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ھەق تۆلەش شەرتلىرى سىزگە ماس كېلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قوشۇلىسىز
- a. ھەق ئېلىش ئەگەر مۇلازىمەتنىڭ قىسمەن مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلىرى (مۇلازىمەت ئارقىلىق ماتېرىيال سېتىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئۈچۈن ھەق تۆلەش زۆرۆر بولسا، مۇلازىمەتتە كۆرسىتىلگىنى بويىچە ھەق تۆلەشكە قوشۇلىسىز باشقىچە چۈشەندۈرۈش بولۇپ قالمىسىلا، مەزكۇر باھا بەلگىلەنگەن بارلىق ماس ھالدىكى باج ۋە نەق پۇل ئالماشتۇرۇش ھېساباتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ سىز بۇ خىلدىكى ھەق تۆلەش ۋە باشقا ھەقلەرنى پۈتۈنلەي ئۈستىڭىزگە ئالىسىز باج بولسا يەرلىكنىڭ قانۇنىدا ھېسابلاشتا پەرق بولمىسىلا، سىز تۇرىۋاتقان جايدىكى Microsoft ھېسابات نومۇرىڭىزنى تىزىملىتىش ۋاقتىڭىزغا قارىتا ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىز ۋاقتىدا تولۇق سوممىلىق ھەقنى تاپشۇرۇپ ئالالمىساق، مۇلازىمىتىڭىزنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇش ياكى بىكار قىلىۋېتىش چارىسىنى قوللىنىمىز ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇش ياكى بىكار قىلىۋېتىش بەلكىم ھېسابات نومۇرىنى ئاچالماسلىق، مەزمۇنلىرىنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن Skype مەھسۇلاتلىرىغا پۇل تۆلەش skype.gmw.cn ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ ياكى Skype نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بولغانshiguangpu دا مەشغۇلات قىلىش كېرەك، بۇلارنى قوللىنىش ئانچە ماس كەلمەيدۇ ئەكسىچە، سىز ئىشلەتكەن Shiguangpu ئۇچۇر تېخنىكا (شاڭخەي) چەكلىك شىركتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شاڭخەي باۋشەن رايونى 128-جىنيەن يولى 928-كوچا 2-بىنا 1706-نومۇرلۇق ئىشخانىدا تىزىملاش ئىش بىجىرىش ئورنى تەسىس قىلغان، ئۇ تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنى مۇلازىمەت تەمىنلەيدۇ ھەمدە Skype ۋە Skype مەھسۇلاتلىرىغا پۇل تۆلەيدىغان كرىدېت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىشلىتىشكە ئۇيغۇن كېلىدۇ Shiguangpu ئىشلىتىش ھوقۇق دائىرىسى ئۈچۈن بۇ تور بېكەتكە كىرىسىز https://shiguangpu.com/help/lawinter.html (https://shiguangpu.com/help/lawinter.html).
- b. ھېسابات قىلىش ھېسابات نومۇرى پۇل تۆلەيدىغان مۇلازىمەتتە ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر مۇلازىمەتكە تىزىملاتقان ۋاقىتتىكى ھەق تۆلەش شەكلى بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىنىدۇ ھەق تۆلەش ئۇچۇرلىرىڭىز ئاچالايسىز ۋە ئۆزگەرتەلەيسىز ، بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە مەشغۇلات قىلىسىز Microsoft ھېسابات باشقۇرۇش تور بېتى (https://go.microsoft.com/fwlink/p/?linkid=618281) تورخەت ئادرېسى، ھەق تاپشۇرۇش ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېسابات ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئەسكەرتمە بويىچە يېڭىلاپ تۇرۇشقا قوشۇلۇشىڭىز كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا مۇئامىلىلىرىڭىزنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلالايمىز ۋە مۇئامىلىڭىز بىلەن ئالاقىدار ئىشلاردا سىز بىلەن ئالاقىلىشالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز Microsoft ياكى ئالاقىدار جۇڭگولۇق تەمىنلىگۈچىلەرنى لازىم بولغان ۋاقىتتا بانكا كارتىسى تارقاتقان بانكا ياكى مۇۋاپىق بولغان توردا پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن سىز تاللىغان پۇل تۆلەش شەكلىدىكى ھەرقانداق ئۆزگىرىشلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشىڭىز كېرەك ھېسابات قىلىش ھېسابات نومۇرىڭىزدىكى ئۆزگىرىش پۇل تۆلەش مەشغۇلاتىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى بىز مۇۋاپىق ھالدا ھېسابات قىلىش ھېسابات نومۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىزگە ماسلىشىمىز.
- c. ھېساب بوغۇش. Microsoft ياكى جۇڭگودىكى دۇكانلارغا ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى تەمىنلىسىڭىز، (i) تەمىنلىگەن ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ سىزنىڭ ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرۇلارنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىسىز؛ (ii) جۇڭگودىكى دۇكانلار ۋە Microsoft نىڭ زۆرۈر بولغاندا ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلىڭىزدىن مۇلازىمەت ياكى مەزمۇن ھەققى ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغان بولىسىز، (iii) ھەمدە جۇڭگودىكى دۇكانلار ۋە Microsoft نىڭ مەزكۇر شەرتلەرنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە سىز ئىشلەتكەن مۇلازىمەت ياكى ئىقتىدارلار ئۈچۈن مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشىغا ئىجازەت بەرگەن بولىسىز. بىز بەلكىم سىزدىن (a) ئالدىن ؛ (b) نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا؛ (c) نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا؛ ياكى (d) دائىملىق مۇلازىمەت ئۈچۈن پۇل تۆلەشنى تەلەپ قىلىشىمىز مۇمكىن ئۇنىڭدىن باشقا، بىز ئۆزىڭىز تەستىقلىغان سوممىغا نىسبەتەن سان جەھەتتىن ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، ئۇقتۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قەرەللىك مۇلازىمەت ھەققىنى ئالدىن ئېلىشنى تەەپ قىلىشىمىز مۇمكىن بىز يەنە ئىلگىرى بىر تەرەپ قىلىنماي قالغان ھېساباتلارنىمۇ بىر يولىلا قىلىۋېتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
- d. قايتىلانما ھەق. مۇلازىمەت ياكى مەزمۇنغا مۇشتەرى بولسىڭىز (مەسىلەن، 3 ئايلىق ياكى يىللىق دېگەندەك)، سىز مۇشتەرى بولغان مۇلازىمەت Microsoft، جۇڭگودىكى دۇكان ياكى سىز تەرەپتىن توختىتىلغۇچە Microsoft ياكى جۇڭگودىكى دۇكانلارنىڭ سىز تەمىنلىگەن ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلىدىن مۇشتەرىلىك قەرەلى بويىچە قەرەللىك قايتىلانما ھەق تۇتۇشىغا ئىجازەت بەرگەن بولىسىز. داۋاملىق مۇلازىمەت ھەققى تۇتۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېيىنكى ھېساب بوغۇش كۈنىدىن بۇرۇن بىكار قىلىشىڭىز كېرەك. مۇلازىمەتنى بىكار قىلىش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىمىز. قايتىلانما ھەق تۇتۇشقا ئىجازەت بەرسىڭىز، Microsoft ياكى جۇڭگودىكى دۇكانلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش قورالىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ساقلاش ۋە ھەق تۇتۇش جەريانىدا ئىشلىتىشىگە قوشۇلغان بولىسىز، بۇ خىل بىر تەرەپ قىلىشلار (ئاپتوماتىك ھېساب بوغۇش دېگەندەك) ئۇسۇلدا سىز بېكىتكەن (ئامانەت ياكى ئىناۋەت كارتىسىغا ئوخشاش) ھەق تاپشۇرۇش قورالىدىن ئېلېكتىرونلۇق ياكى باشقا شەكىلدە پۇل تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ(ئۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «ئېلېكتىرونلۇق ھەق» دېيىلىدۇ). مۇشتەرىلىك ھەققى ئادەتتە مۇشتەرىلىك قەرەلىدىن بۇرۇن تۇتۇلىدۇ. ئەگەر ھەق تۆلەنمىسە ياكى رەت قىلىنسا، ياكى ئىناۋەتلىك كارتا مۇئامىلىسى رەت قىلىنسا، Microsoft، جۇڭگودىكى دۇكانلار ياكى ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى مۇناسىۋەتلىك مالنى قايتۇرۇۋېلىش، تۆلەنمىگەن ھەقنى تەلەپ قىلىش ۋە شۇ ھەقلەرنى ئېلېكتىرونلۇق ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
- e. توردىكى بايانات ۋە خاتالىق Microsoft سىزنى توردا ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ Microsoft ھېسابات نومۇرى باشقۇرۇش تور بېكىتى (https://go.microsoft.com/fwlink/p/?linkid=618282) بۇ يەردىن توردىكى ھېسابات تالونىڭىزنى تەكشۈرەلەيسىز ۋە بېسىپ چىقىرالايسىز بۇ بىز تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ھېسابات تالونى ئەگەر بىز سەۋەبلىك ھېسابات تالونىڭىزدا بىرەر مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا، خاتالىق كۆرۈلۈپ 90 كۈن ئىچىدە چوقۇم بىزگە ئىنكاس قىلىشىڭىز كېرەك ئاندىن بىز ۋاقتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز ئەگەر شۇ ۋاقىت ئىچىدە بىزگە ئىنكاس قىلمىسىڭىز كېلىپ چىققان بارلىق زىيان ۋە خاتالىققا بىز مەسئۇل بولمايمىز، بىزدىن خاتالىقنى تۈزىتىش ، ھەقنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ ئەگەر Microsoft ياكى جۇڭگولۇق تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ھېساباتتىكى خاتالىقنى جەزملەشتۈرگەن بولسە، بۇ خاتالىقنى 90 كۈن ئىچىدە ئوڭشاپ بېرىمىز بۇ سىياسەت ھېچقانداق قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
- f. ھەق قايتۇرۇش سىياسىتى قانۇن ياكى ئالاھىدە مۇلازىمەتلەرنىڭ باھاسىغا قائىدە بېكىتىلگەندىن باشقا، بارلىق سېتىش-سېتىۋېلىش ئىشلىرىدا قايتۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ ئەگەر Microsoft ياكى جۇڭگولۇق تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر خاتالىق ئىنكاسىڭىزنى قوبۇل قىلغان بولسا، چوقۇم 90 كۈن ئىچىدە بىز بىلەن ئالاقىلىشىشقا مەسئۇل بولۇشىڭىز كېرەك ئەگەر 90 كۈندىن ئېشىپ كەتسە ھېچقانداق ھەق قايتۇرۇلمايدۇ بىز ھەق ياكى كرىدېتنى قايتۇرۇش-قايتۇرماسلىقنى بەلگىلەش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز ئەگەر ھەقنى قايتۇرۇپ بولغان بولساق، كېيىن مۇشۇنداق ئوخشاش يەنە يۈز بېرىپ قالسا ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز بۇ ھەق قايتۇرۇش سىياسىتى ھېچقانداق قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ھەق قايتۇرۇش ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ياردەم تېمىلىرى (https://go.microsoft.com/fwlink/p/?linkid=618283) مىزدىن كۆرۈڭ.
- g. مۇلازىمەتنى بىكار قىلىش. مۇلازىمەتنى خالىغان ۋاقىتتا بىرەر سەۋەب بىلەن ياكى سەۋەبسىز بىكار قىلسىڭىز بولىدۇ. ھەقلىق مۇلازىمەتنى بىكار قىلسىڭىز، كەلگۈسىدە داۋاملىق مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنمايدۇ. مۇلازىمەتنى بىكار قىلىپ، تېگىشلىك ھەقنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن Microsoft ھېساباتىنى باشقۇرۇش توربېكىتى (https://go.microsoft.com/fwlink/p/?linkid=618284)گە كىرىڭ. بۇ تور بەت ئارقىلىق Skype نىڭ ھەق قايتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ بىكار قىلىش ۋە ھەق قايتۇرۇش شەكلى (https://go.microsoft.com/fwlink/p/?linkid=618286) مۇلازىمەت چۈشەندۈرۈشىنى تەپسىلىي كۆرۈڭ، (i) سىز مۇلازىمەتنى بىكار قىلغان ھامان ھەق قايتۇرۇلماسلىقى مۇمكىن؛ (ii) بىكار قىلىش ھەققى تۆلىشىڭىز مۇمكىن؛ (iii) مۇلازىمەتنى بىكار قىلىشتىن بۇرۇنقى ئىشلەتكەن ۋاقىت ئۈچۈن ھەق تۆلىشىڭىز مۇمكىن ھەمدە (iv) مۇلازىمەتنى بىكار قىلغاندىن كېيىن ھېساباتىڭىزغا كىرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. مەلۇماتلىرىڭىزنى يۇقىرىدىكى 4-ماددىدا دېيىلگەندەك بىر تەرەپ قىلىمىز. مۇلازىمەتنى بىكار قىلسىڭىز، مۇلازىمەت شۇ مۇلازىمەت قەرەلى ئاياغلاشقان ھامان توختايدۇ ياكى سىز ئىشلەتكەن مۇلازىمەتتىن قەرەللىك ھەق ئېلىنىدىغان بولسا، بىكار قىلىنغاندا ھەق تۇتۇلغان قەرەل توشقاندا ئاياغلىشىدۇ. ئەگەر «مۇلازىمەتلەر» دىكى تۆلىمەڭىز ئۈچۈن بانكىڭىزدا بىر كرېدىت قايتۇرۇش ياكى كەينىگە ياندۇرۇش ئىشلەمىنى باشلاتسىڭىز، ئەسلى تۆلىمە قىلىنغان چېسلادىن باشلاپ بىكار قىلغىنىڭىزغا ھۆكۈم قىلىمىز، ھەمدە مۇلازىمىتىڭىزنى دەرھال بىكار قىلىشىمىزغا ۋە/ياكى سىزگە تەمىنلەنگەن ھەرقانداق مەزمۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىمىزغا بىزنى ھوقۇقلاندۇرىسىز.
- h. سىناق مۇلازىمەت. ھەرقانداق بىر سىناق مۇددىتى تەكلىپىگە قاتناشقان بولسىڭىز، سىناق مۇددىتىنىڭ ئاخىرىدا «مۇلازىمەتلەر» نى داۋاملاشتۇرماق ئۈچۈن ھەق تۇتۇلۇشتىن ساقلانماق مەقسىتىدە، تەكلىپنى قوبۇل قىلغىنىڭىزدا سىزگە خەۋەر قىلىنغان ۋاقىت رامكىسى ئىچىدە سىناق «مۇلازىمەت (لەر)» نى بىكار قىلىشىڭىز كېرەك بولۇشى مۇمكىن. مەلۇم سىناق مۇددىتى تەكلىپلىرى ئۈچۈن، ئاپتوماتىك يېڭىلاشنىڭ ئوچۇق بولۇشىنى تەلەپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
- i. ئېتىبارلىق پائالىيەتلەر. Microsoft ياكى جۇڭگودىكى دۇكان يۈرۈتكۈچىلەر مەزگىللىك ھالدا مۇلازىمەتنى ھەقسىز ياكى سىناق نۇسخىدا تارقىتىشى مۇمكىن. ئەگەر Microsoft ياكى جۇڭگودىكى دۇكان يۈرۈتكۈچىلەر سىزنى ئېتىبارلىق پائالىيەتنىڭ شەرتلىرىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىسا، بىز سىزدىن (نورمال) مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىمىز.
- j. باھا ئۆزگىرىشى مۇلازىمەت باھاسىنى خالىغان ۋاقىتتا ئۆزگەرتىشىمىز مۇمكىن، ئەگەر قايتىلانما مۇئامىلىڭىز بولسا، تورخەت ياكى باشقا ئۇسۇلدا باھا ئۆزگىرىشتىن 15 كۈن بۇرۇن سىزگە ئۇقتۇرىمىز. ئەگەر ئۆزگەرگەن باھانى قوبۇل قىلمىسىڭىز، باھا ئۆزگىرىش كۈچكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن مۇلازىمەتنى بىكار قىلىپ، ئىشلىتىشنى توختىتىشىڭىز كېرەك. ئەگەر بىرەر مۇلازىمەتنىڭ مۇقىم باھاسى ۋە مۇددىتى بولسا، شۇ باھا شۇ مۇددەت توشقۇچە ئۆزگەرمەيدۇ.
- k. سىزگە ھەق تۆلەيدۇ ئەگەر بىز سىزگە قەرز بولۇپ قالغان بولساق، سىز بىزگە كېرەكلىك ھەرقانداق ئۇچۇرنى دەل ۋاقتىدا ۋە توغرا ھالەتتە تەمىنلەپ بېرىشىڭىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا سىزگە ھەقنى قايتۇرالايمىز سىزگە ھەق قايتۇرۇش جەريانىدىكى تۆلەيدىغان باج قاتارلىقلارنى سىز ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك بىز سىزگە ئورۇنلاشتۇرغان ھەق تۆلەش ھوقۇقىغا دائىر ھەرقانداق شەرتكە بويسۇنۇشىڭىز كېرەك ئەگەر پۇل تۆلىگەندە خاتا ئۇچۇر تاپشۇرىۋالسىڭىز، تاپشۇرغان ھەقنى ساقلاپ قويۇش ياكى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلساق بولىدۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە قوشۇلۇشىڭىز ۋە ھەمكارلىشىشىڭىز كېرەك ئەگەر بۇرۇن يۇقىرى سوممىلىق ھەق قايتۇرغان بولساق، ئۇنداقتا ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلمىغان ئەھۋالدا ئەڭ يېقى ھەق قايتۇرۇش تۈرىدە ماس ھالدىكى سوممىنى تۇتۇپ قالىمىز.
- l. سوۋغات كارتىسى ھەق تۆلەپ ياندۇرىۋالغان ۋە ئىشلەتكەن سوۋغات كارتىسى (Skype سوۋغات كارتىسى قاتارلىقلار) Microsoft سوۋغات كارتىسى كېلىشىمى ۋە پرىنسىپى (https://support.microsoft.com/zh-cn/help/10562/microsoft-account-gift-card-terms-and-conditions) غا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ Skype سوۋغات كارتىسى ئۇچۇرى ئۈچۈن Skype نىڭ ياردەم بېتى (https://go.microsoft.com/fwlink/?LinkId=615383) گە كىرىڭ.
كېلىشىم تۈزگۈچى گەۋدىلەر، قانۇنىي تاللاش ۋە مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرى
10. كېلىشىم تۈزگۈچى گەۋدىلەر، قانۇنىي تاللاش ۋە مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرى.
- a. Skype. Skype ماركىسىدىكى ھەقلىق ياكى ھەقسىز مۇلازىمەتلەرنى ئىشلەتسىڭىز، مەزكۇر شەرتلەر بويىچە «Microsoft» ۋە بۇ ئورۇن بىلەن توختاملاشقان بولىسىز: Skype Communications S.à.r.l, 23 – 29 Rives de Clausen, L-2165 Luxembourg. Skype ماركىسىدىكى مۇلازىمەتلەرنى ئىشلەتكەندە بۇ بەلگىلىمىلەر ليۇكسېمبۇرگنىڭ قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ ۋە چۈشەندۈرۈلىدۇ. مەزكۇر كېلىشىم ياكى Skype ماركىسىدىكى مۇلازىمەتلەرگە ئالاقىدار تالاش-تارتىش ۋە دەۋا-دەستۇرلاردا سىز ۋە بىز ليۇكسېمبۇرگ سوتلىرى چىقارغان ھۆكۈم ۋە كېلىشتۈرۈش ئورنى ھەققىدىكى قارارلارغا شەرتسىز قوشۇلىمىز. مەزكۇر كېلىشىمنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەرلىك ئىستېمالچىلار قانۇنى بەزى يەرلىك قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشى ياكى سىزگە تالاش-تارتىشلارنى باشقا شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بېرىشى مۇمكىن. مەزكۇر كېلىشىمنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەرلىك ئىستېمالچىلار قانۇنى بەزى يەرلىك قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشى ياكى سىزگە تالاش-تارتىشلارنى باشقا شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بېرىشى مۇمكىن.
- b. MSN ياكى Bing. MSN ياكى Bing نى ئىشلىتىش ئۈچۈن، سىز مىكروسوفت كۆچمە ئىتتىپاقى تور مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى (微软移动联新互联网服务有限公司) بىلەن توختام تۈزدىڭىز، بۇ شىركەت (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «MMAIS» دېيىلىدۇ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئەنگە ئالدۇرغان ئادرېسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى دۇڭسەن كوچىسى 2-نومۇر 701-60-نومۇرلۇق ئۆي، پوچتا نومۇرى: 100018؛ بۇ ماددىلار سىز 10.b-ماددىدا بايان قىلىنغان MMAIS يۈرگۈزگەن مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى بۇ ماددىلارنى باشقۇرىدۇ. بۇ ماددىلارغا ئاساسەن MSN ياكى Bing نى ئىشلەتكىنىڭىزدە، بۇ ماددىلار ياكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇلازىمەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق تالاش-تارتىش، جۈملىدىن بۇ ماددىلارنىڭ مەجۇتلۇقى، ئۈنۈملۈكى ياكى ئاخىرلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەسىلىلەر جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا كېسىم كومىتېتى (قىسقارتىلىپ «CIETAC» دېيىلىدۇ) نىڭ كېسىم قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، كېسىم CIETAC نىڭ شۇ كېسىمنى ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك بولغان كېسىم قىلىش قائىدىلىرىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. كېسىم قارارى ئاخىرقى كېسىم بولىدۇ ۋە ئىككىلا تەرەپكە قارىتا چەكلەش كۈچى بولىدۇ.
- c. Xbox دىكى Microsoft Store ۋە Windows دىكى Microsoft Store. جۇڭگودا Xbox دا Microsoft Store نى ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈن شەرتلەر، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇنلىرىغا ئاساسەن قۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ رويخەتلەنگەن ئىشخانىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، شاڭخەي، شۈخۈي رايونى، يىشەن يولى 757-نومۇر («OPG») دا جايلاشقان بىر شىركەت بولغان Oriental Pearl Group Co., Ltd. بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدىدۇر. OPG شىركىتى Microsoft Store نىڭ Xbox نەشرىنى جۇڭگودا تەمىنلىگۈچىدۇر. Microsoft Store نىڭ Xbox نەشرى ھەققىدە بۇ شەرتلەر بىلەن OPG شەرتلىرى ئوتتۇرىسىدا پەرق بولسا، OPG نىڭ شەرتلىرى قوللىنىلىدۇ. جۇڭگودا (Windows 10 ياكى ئۇنىڭدىن يېڭى نەشرىدىكى ئۈسكۈنىدە) Microsoft Store نىڭ Windows نەشرى ئارقىلىق رەقەملىك مەزمۇن سېتىۋالسىڭىز، سىز Microsoft Store نىڭ Windows نەشرىدە سېتىۋالغان شۇ مەزمۇننى تەمىنلىگۈچىنى بۇ يەردە ساتقۇچى دەپ ئاتايمىز. BesTV Network Television Technology Development Co., Ltd.، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇنلىرىغا ئاساسەن قۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ رويخەتلەنگەن ئىشخانىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، شاڭخەي، چاڭنىڭ رايونى، چاڭنىڭ يولى 1027-نومۇر، 1008E بىنا («BesTV») دا جايلاشقان بىر شىركەتتۇر. بۇ «شەرتلەر»، بۇ «شەرتلەر» ئاستىدا OPG ياكى BesTV تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ھەرقانداق بىر «مۇلازىمەت» نى ئىشلىتىشىڭىزگە ئالاقىدار بولغاچقا ئۇلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇنلىرى باشقۇرىدۇ.
- d. Windows خەرىتە ئەپى. Windows خەرىتە ئەپىنى ئىشلەتسىڭىز، MMAIS (يۇقىرىدىكى 10(b)-ماددىدا دېيىلگەندەك) بىلەن كېلىشىم تۈزىسىز. بۇ كېلىشىم شۇنداقلا MMAIS تەمىنلىگەن Windows خەرىتە ئەپىنى ئىشلىتىش ھەرىكىتىڭىزنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى باشقۇرىدۇ. بۇ كېلىشىم بويىچە Windows خەرىتە ئەپىنى ئىشلەتسىڭىز، بۇ شەرتلەر ياكى Windows خەرىتە ئەپىگە ئالاقىدار تالاش-تارتىشلار، مەسىلەن، بۇ ئىشلىتىش شەرتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئىناۋەتلىكلىكى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ھەققىدە سوئاللىرىڭىز بولسا، بارلىق ئەرز-شىكايەتلەر CIETAC نىڭ كېلىشتۈرۈشىگە سۇنۇلىدۇ. دەۋا ئەرز سۇنۇلغان ۋاقىتتا CIETAC نىڭ كۈچكە ئىگە قائىدىسى بويىچە كېلىشتۈرۈلىدۇ. كېلىشتۈرۈش ھۆكۈمى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ھوكۈم بولىدۇ.
- e. باشقا مۇلازىمەتلەر. بۇ شەرتلەر بويىچە باشقا مۇلازىمەتلەرنى ئىشلەتسىڭىز، One Microsoft Way, Redmond, WA 98052, U.S.A. دىكى Microsoft Corporation بىلەن توختاملاشقان بولىسىز. قانۇن-نىزاملاردا قانداق پەرق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىش شەرتلىرى ۋاشىنگتون ئىشتاتلىق قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. ئىشتات ياكى فىدراتسىيەلىك سوت ئامېرىكا ۋاشىنگتون King County دا بولۇپ، رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ بىراق 10(e)-ماددا، ھەرقانداق تەرەپنىڭ قانۇنىي بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان قىلمىشقا قارىتا (i) ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقىنى (ii) كېلىشىم بويىچە شۇ تەرەپنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى (iii) ياكى قانۇنىي ئېتىراپ قىلىنىش ياكى دەۋا قىلىش ھوقۇقىنى توسمايدۇ.
كاپالەت
11. كاپالەت
- a. Microsoft جۇڭگودىكى تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ۋە بىزنىڭ ھەرقايسى تارماق شىركەتلىرىمىز، تىجارەتچى سودىگەرلىرىمىز، ھەمكاراشقۇچى سودىگەرلەر ۋە تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر مەزكۇر مۇلازىمەتكە نىسبەتەن ئاشكارا-يوشۇرۇن ھالەتتىكى كاپالەت ۋە شەرت بىلەن تەمىنلىمەيدۇ مۇلازىمەتنى مۇشۇ ھالىتى ۋە بارلىق مەسىلە-خاتالىقلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىمىز، ئۇنى ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن ئىشلىتىدىغانلىقىڭىز، ھەرقانداق مەسىلە چىقسا، ئۆزىڭىز مەسئۇل بولىدىغانلىقىڭىزنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. MICROSOFT ياكى جۇڭگودىكى ھەمكارلاشقۇچى دۇكانلار مۇلازىمەتنىڭ توغرىلىقى ۋە راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلمايدۇ. يەرلىكتىكى مەلۇم ھوقۇقىڭىزدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇن كەلسە بولىدۇ، بولمىسا بۇ كېلىشىمدىكى ھوقۇقلارغا تەسىر يېتىدۇ كومپيۇتېر ۋە ئېلىكتىر ئالاقە سىستېمىسى سەۋەبسىزلا توختاپ قېلىش ۋاقتى بەزىدە كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىش مۇلازىمەتنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا ، دەل، بىخەتەر بولۇشىغا، خاتاسىز بولۇشىغا ۋە مەزمۇنلارنىڭ يۈتۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايمىز، شۇنداقلا يەنە ھەرقانداق قوبۇللاش ۋە ئەۋەتىش ئىشلىرىنىڭ كومپيۇتېر تورىنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايمىز.
- b. يەرلىك قانۇن يول قويغان دائىرىدە بىز ھەرقانداق بىشارەتلىك كېپىلللىكنى ئېتىراپ قىلمايمىز، بۇنىڭ ئىچىدە تىجارەت خاراكتېرلىك، سۈپەت رازىمەنلىك دەرىجىسى، ئالاھىدە جايلاردا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان، پىششىق ۋە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنمىغان دېگەنلەر بار.
مەجبۇرىيەتنىڭ چېكى
12. مەجبۇرىيەتنىڭ چېكى
- a. ئەگەر Microsoft ياكى جۇڭگودىكى دۇكان يۈرۈتكۈچىلەر بۇ شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلسا، سىز Microsoft، جۇڭگودىكى ئالاقىدار دۇكان يۈرۈتكۈچى ياكى ئۇنىڭ تارماقلىرى، تارقاتقۇچىلىرى، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلىرى ۋە ساتقۇچىلىرىدىن تۆلىتىۋالىدىغان تۆلەم مىقدارى سىز Microsoft ياكى جۇڭگودىكى دۇكان يۈرۈتكۈچىلەردىن مۇلازىمەت سېتىۋالغاندا تۆلىگەن ھەقتىن كۆپ بولمايدىغانلىقى (ياكى مۇلازىمەت ھەقسىز تەمىنلەنگەن بولسا، تۆلەمنىڭ USD$10.00 دىن كۆپ بولمايدىغانلىقى) غا قوشۇلىسىز. ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيانلار چەكلىمىلىكى يوق، بۇ بىۋاسىتە، ۋاستىلىك ھالدىكى، پايدا زىيانغا ئۇچرايدىغا، ئالاھىدە، قوشۇمچە ۋە جازالاش خاراكتېرىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ بۇ چەكلىمىلەر قانۇن رۇخسەت قىلغان ئەڭ زور چەكتە مەزكۇر شەرتلەرگە ئالاقىدار بارلىق ئىش ۋە ئەرز-شىكايەتلەرگە قوللىنىلىدۇ، ھەتتا بۇ تۆلەم سىز تارتقان زىياننى تولۇق قامدىيالمىسىمۇ ۋە بىز شۇنداقلىقىنى بىلسەكمۇ مەزكۇر چەكلىمە كۈچكە ئىگە.
- b. بۇ كېلىشىمدىكى مەجبۇرىيەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلەلمەسلىكى ياكى كېچىكىشى Microsoft نىڭ مۇۋاپىق كونتروللىقىدىن ھالقىپ كەتكەن ۋاقىتتا يۈرگۈزۈلۈشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە كېچىكتۈرۈلۈشىگە Microsoft مەسئۇل بولمايدۇ، (خۇجايىن بىلەن ئىشلەمچىلەر جاڭجاللىشىپ قالغان، دىنىي پائالىيەت، ئۇرۇش ياكى تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەرىكەت دەرىجىسى، يامان غەرەز بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش، تاساددىپى ۋەقە ياكى ھەرقانداق ماس ھالدىكى قانۇن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانلىرىغا رىئايە قىلغان ئەھۋالدا ) Microsoft بۇ ئىشلارنىڭ تەسىرىنى ئامالنىڭ بارىچە كىچىكلىتىشكە تىرىشىدۇ ھەمدە شۇنداق مەسئۇلىيىتى بار.
ئالاھىدە بەلگىلەنگەن مۇلازىمەت كېلىشىمى
13. مۇلازىمەتكە خاس شەرتلەر. 13-بۆلەكنىڭ ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى شەرتلەر ئومۇمىي ھالدا ھەممە «مۇلازىمەتلەر» گە قوللىنىلىدۇ. بۇ بۆلەك، ئومۇمىي شەرتلەرگە قوشۇمچە ھالدا مۇلازىمەتكە خاس شەرتلەرنى ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي شەرتلەر بىلەن بىرەر توقۇنۇش بولمىسىلا بۇ مۇلازىمەتكە خاس شەرتلەر ئىدارە قىلىدۇ.
Xbox
- a. Xbox.
- i. خېرىدارلارغا بايانات. جۇڭگودا سېتىلىدىغان Xbox سۇپىسى، ئالاقىدار ئويۇن، سىن، ئەپ ۋە ئىشلەتكۈچى قۇرغان مەزمۇنلارنى جۇڭگونىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى باشقۇرىدۇ. جۇڭگودىكى Xbox نىڭ ئىقتىدارىمۇ ھەم جۇڭگوغا ئۇيغۇن شەكىلدە خاسلاشتۇرۇلغان. جۇڭگودا :
- 1. سۇپا ماتېرىياللىرى ۋە Xbox تور مۇلازىمەتلىرى جۇڭگونىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى بويىچە تارقىتىش چەكلىنىشى ياكى ئىقتىدار ياكى مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلىشى مۇمكىن. بۇ ئويۇن، ۋىدىئو، قوللىنىشچان پروگرامما ياكى ئابونتلار شەكىللەندۈرگەن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
- 2. جۇڭگونىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە خىلاپ مەزمۇن يوللىسىڭىز ياكى قانۇن-تۈزۈمگە خىلاپ شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز، جۇڭگودىكى Xbox سۇپىسى ياكى Xbox تور مۇلازىمتلىرىدىكى ھېساباتىڭىز توختىتىلىشى مۇمكىن.
- 3. Xbox مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتكەندە OPG ھېساباتى تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن. ھېسابات تىزىملاتقاندا جۇڭگونىڭ قانۇنى بويىچە OPG گە مەلۇم شەخسىي ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشىڭىز تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن.
- ii. تىجارىي بولمىغان شەخسىي ئىشلىتىش. Xbox تور ئىچى مۇلازىمىتى، ("Xbox Network")، Xbox Game Studios ئويۇنلىرى («ماجاڭ ئويۇنلىرى» نى ئىچىگە ئالغان ھالدا) (https://www.xbox.com/xbox-game-studios)، ئەپلەر، مۇشتەرىلىكلەر (مەسىلەن، Xbox Game Pass مۇشتەرىلىك مۇلازىمىتى تەكلىپلىرى)، مۇلازىمەتلەر (مەسىلەن، Xbox Cloud Gaming)، ۋە Microsoft تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن مەزمۇن (يىغىندى ھالدا، Xbox مۇلازىمەتلىرى) پەقەت تىجارىي بولمىغان ۋە شەخسىي ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈندۇر.
- iii. Xbox مۇلازىمەتلىرى. «Xbox مۇلازىمەتلىرى» گە تىزىملاتقىنىڭىزدا ۋە/ياكى «Xbox مۇلازىمەتلىرى» نى تاپشۇرۇۋالغىنىڭىزدا، Microsoft نىڭ «Xbox مۇلازىمەتلىرى» نى سۇنالىشى ۋە ئۈچىنچى تەرەپلەرنىڭ Microsoft قا ئائىت بولمىغان ئويۇنلارنى ۋە مۇلازىمەتلەرنى مەشغۇلاتلاندۇرالىشى ئۈچۈن ئويۇن ئويناش، پائالىيەتلەر ۋە ئويۇنلارنى ۋە «Xbox مۇلازىمەتلىرى» نى ئىشلىتىشىڭىز ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئويۇن راۋاجلاتقۇچىلار ۋە نەشىر قىلغۇچىلار ئىچىدە بولغان ھالدا تېگىشلىك ئۈچىنچى تەرەپلەر تەرىپىدىن ئىزلىنىدۇ ۋە ئورتاقلىشىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، «Xbox مۇلازىمەتلىرى» گە ئۈچىنچى تەرەپ ئۈسكۈنىلەر ياكى پلاتفورمىلار ئارقىلىق ئېرىشىم قىلىنسا، ئويۇن ئويناش، پائالىيەتلەر ۋە ئويۇنلارنى ۋە «Xbox مۇلازىمەتلىرى» نى ئىشلىتىشىڭىز ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئۈچىنچى تەرەپ شەرتلىرىگە ۋە مەخپىيەتلىك سىياسەتلىرىگە ئوبيېكت بولغان ھالدا ئۈچىنچى تەرەپ ئۈسكۈنىلەر ۋە پلاتفورمىلار تەرىپىدىن ئىزلىنىشى ۋە ئورتاقلىشىلىشى مۇمكىن. «Xbox مۇلازىمەتلىرى» گە ئېرىشىم قىلماق (مەسىلەن، باشقا پلاتفورمىلاردىكى ياكى ئۈسكۈنىلەردىكى Xbox Game Studios ئويۇنلىرىغا ئېرىشىم قىلماق) ياكى Microsoft قا ئائىت بولمىغان بىر «مۇلازىمەت» كە ئېرىشىم قىلماق (مەسىلەن، «ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلەر ۋە مۇلازىمەتلەر» نىڭ Microsoft قا ئائىت بولمىغان بىر ئويۇن نەشىر قىلغۇچىسى) Microsoft ھېساباتىڭىز بىلەن باشقا بىر پلاتفورمىدا يا ئۈسكۈنىدە تىزىملاپ كىرسىڭىز ياكى Microsoft ھېساباتىڭىزنى بۇ خىل پلاتفورمىلارغا ياكى ئۈسكۈنىلەرگە ئۇلىسىڭىز، (a) Microsoft نىڭ، «Microsoft مەخپىيەتلىك باياناتى» دا بايان قىلىنغىنىدەك ھېسابات ۋە ئىشلىتىشكە ئالاقىدار چەكلىك ئۇچۇرلار (ئويۇنچى ئېتىكەتى، ئويۇنچى نومۇرلىرى، ئويۇن تارىخى، ئىشلىتىش مەلۇماتى ۋە دوستلار تىزىمى ئىچىدە بولغان ئەمما بۇنىڭ بىلەن چەكلىك بولمىغان ھالدا) شۇ تەرەپ بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىغا ۋە (b) ئەگەر Xbox مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى رۇخسەت قىلسا، مەزكۇر تەرەپ شۇ تەرەپتىكى ھېساباتىڭىزدا تىزىملاپ كىرگىنىڭىزدە ئويۇن ئىچى خەۋەرلىشىملىرىڭىزدىن ياكى ئىشلەتكەن باشقا ئەپلىرىڭىزدىنمۇ «مەزمۇنىڭىز» غا ئېرىشىم قىلىشىغا قوشۇلغان بولىسىز. ئەگەر Xbox مەخپىيەتلىك تەڭشىكىڭىز رۇخسەت قىلسا، نام، ئويۇنچى نامى، ئويۇنچى رەسىمى، سۆزى، باش سۈرەت، ئويۇن كۆرۈنۈشلىرى ۋە سىز كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىدا ئوينىغان ئويۇن قاتارلىقلارنى Microsoft سىز رۇخسەت قىلغان كىشىلەرگە ئېلان قىلالايدۇ. Xbox قا خاس Family Safety تەڭشەكلىرىنى ئاكتىپلىغان بولسىڭىز، ئۇ تەڭشەكلەر Xbox كونسوللىرى، Xbox Cloud Gaming ۋە كومپىيۇتېر ياكى كۆچمە ئۈسكۈنىلىرىدىكى Xbox ئەپى ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ، ئەمما باشقا ئۈسكۈنىلەردە ياكى پلاتفورمىلاردا ئېرىشىم قىلىنغان ياكى ئوينالغان Xbox Game Studios ئويۇنلىرى ياكى مۇلازىمەتلىرى ئۈچۈن قوللىنىلماسلىقى مۇمكىن. ئائىلىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر بىر ئويۇن تەجرىبىسىنى كاپالەتلىمەك ئۈچۈن، مەرھەمەت بۇ باشقا ئۈسكۈنىلەردىكى ۋە پلاتفورمىلاردىكى ئاتا-ئانا تەڭشەكلىرىنى تەكشۈرۈڭ.
- iv. مەزمۇنى. Xbox مۇلازىمەت مەھەللىسىنى قۇرۇشنىڭ بىر بۆلىكى سۈپىتىدە Microsoft، ئۇنىڭ تارماقلىرى ۋە تارماق ئىجازەتلىگۈچىلىرىنىڭ سىز ھەرقانداق Xbox مۇلازىمىتىدە يوللىغان مەزمۇنلىرىڭىز ياكى سىزنىڭ نامىڭىز، ئويۇنچى نامىڭىز، شوئارىڭىز ياكى باش سۈرىتىڭىزنى ئىشلىتىش، ئۆزگەرتىش، قايتا ئىشلەش، تارقىتىش، ئورتاقلىشىش ۋە كۆرسىتىشىگە ئىجازەت بەرگەن بولىسىز.
- v. ئويۇن باشقۇرغۇچىلار. بەزى ئويۇنلار ئويۇن باشقۇرغۇچىلارنى، ئەلچىلەرنى ياكى ساھىبخانلارنى ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. ئويۇن باشقۇرغۇچىلار ۋە ساھىبخانلار ھوقۇقلاندۇرۇلمىغان Microsoft باياناتچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرى قەتئىي ھالدا Microsoft نىڭ قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ.
- vi. قۇرامىغا يەتمىگەنلارنىڭ Xbox مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشى. ئەگەر سىز Xbox مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەن بولسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز ياكى ھامىيىڭىز Xbox سۇپىسىدىكى ھېساباتىڭىزنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى باشقۇرۇشى ۋە Xbox مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنى تاپشۇرۇۋېلىشى مۇمكىن. بۇ ئىقتىدارلار Xbox مۇلازىمەتلىرىگە خاس بولۇپ، باشقا سۇپىلارغا يۆتكىگىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
- vii. ئويۇندىكى پۇللار ياكى مەۋھۇم بۇيۇملار. Xboxمۇلازىمەتلىرى، (ئالتۇن، تەڭگە ياكى پويىنت قاتارلىق) مەۋھۇم، ئويۇن پۇل بىرلىكىنى ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن بولۇپ، ئەگەر سىز ياشاۋاتقان يەردە «بالاغەت» يېشىغا يەتكەن بولسىڭىز ئۇلارنى ئەمەلىي پۇل ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ Microsoft تىن ياكى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن سېتىۋالسىڭىزبولىدۇ. Xbox مۇلازىمەتلىرى يەنە مەۋھۇم، دىجىتال بۇيۇملارنى ياكى ماللارنى ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن بولۇپ، ئۇلارنى ئەمەلىي پۇل ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ ياكى ئويۇن پۇل بىرلىكىنى ئىشلىتىپ Microsoft تىن ياكى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن سېتىۋالسىڭىزبولىدۇ. ئويۇن پۇلى ۋە مەۋھۇم بۇيۇمنى مەڭگۈ ئەمەلىي بۇيۇمغا ئايلاندۇرغىلى، تاۋارغا ياكى Microsoft ھەرقانداق تەڭ قىممەتتىكى باشقا تۈرلىرىگە ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ بىز Xbox مۇلازىمەتلىرىدە تەمىنلەيدىغان رەقەملىك تاۋار ياكى مەۋھۇم پۇل قاتارلىقلار ئىشلەتكۈچىنىڭ شەخسىي ئىشلىتىشى ئۈچۈن چىقىرىلغان، ئۇ Xbox مۇلازىمەتلىرىدىن باشقا يەردە ئىشلىمەيدۇ ھەمدە Xbox مۇلازىمەتلىرىدىن باشقا يەرگە باغلانمايدۇ، ئۇنى نەقلەش، يۆتكەش، قايتا ئىجازەتلەش ياكى تارقىتىشقا بولمايدۇ. Microsoft، ئۆزىنىڭ يەككە ھۆكمىگە ئۇيغۇن كۆرگىنىدە ھەرقانداق بىر ياكى بىرنەچچە Xbox ئويۇنلىرى ياكى ئەپلىرىگە باغلىنىشلىق ئويۇن پۇل بىرلىكىنى ۋە/ياكى مەۋھۇم ماللارنى خالىغان ۋاقىتتا تەرتىپكە سالىشى، كونترول قىلىشى، تۈزىتىشى ۋە/ياكى شاللىۋىتىشى مۇمكىن
- viii. يۇمشاق دېتالنى يېڭىلاش. Xbox مۇلازىمەتلىرىگە ئۇلىغىلى بولىدىغان ھەرقانداق ئۈسكۈنە ئۈچۈن، بىز Xbox سۇپىڭىزنىڭ يۇمشاق دېتال نەشرى ياكى Xbox ئەپىنىڭ يۇمشاق دېتال نەشرىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈشىمىز مۇمكىن، شۇنداقلا Xbox سۇپىسى ياكى Xbox ئەپىنىڭ يۇمشاق دېتال يېڭىلانمىسى ياكى سەپلىمىسى چۈشۈرۈلىدۇ، بۇ Xbox مۇلازىمەتلىرىنى زىيارەت قىلىشىڭىزنى، ئىجازەت بېرىلمىگەن Xbox ئويۇنلىرى ياكى Xbox ئەپلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى ياكى Xbox سۇپىسىنىڭ ئىجازەت بېرىلمىگەن سىرتقى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى توسىدىغان يېڭىلانما ياكى سەپلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- ix. ساختىلىق قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتالى ھەققىدە. Xbox مۇلازىمەتلىرىگە ئۇلىغىلى بولىدىغان ھەرقانداق ئۈسكۈنە ئۈچۈن، بىز ئۈسكۈنىڭىزدە «ھەرىكەت مىزانى» ياكى بۇ ماددىلارغا خىلاپ بولغان ئىجازەت بېرىلمىگەن قاتتىق دېتال ياكى يۇمشاق دېتال بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشىمىز مۇمكىن، بۇ قاتتىق دېتال ياكى يۇمشاق دېتاللاردا ساختىلىق قىلىش ياكى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا Xbox ئەپىنىڭ يۇمشاق دېتال يېڭىلانمىسى ياكى سەپلىمىسى چۈشۈرۈلىدۇ، بۇ Xbox مۇلازىمەتلىرىنى زىيارەت قىلىشىڭىزنى ياكى ئىجازەت بېرىلمىگەن ساختىلىق قىلىش ياكى ئۆزگەرتىش قاتتىق دېتالى ياكى يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىشىڭىزنى توسىدىغان يېڭىلانما ياكى سەپلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- x. باشقا ئاخىرقى ئىشلەتكۈچى ئىجازەت كېلىشىمى ۋە ھەرىكەت مىزانى. بەزى Xbox مۇلازىمەتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشلىتىش ماددىلىرى ۋە ھەرىكەت مىزانى بولۇشى مۇمكىن.
- i. خېرىدارلارغا بايانات. جۇڭگودا سېتىلىدىغان Xbox سۇپىسى، ئالاقىدار ئويۇن، سىن، ئەپ ۋە ئىشلەتكۈچى قۇرغان مەزمۇنلارنى جۇڭگونىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى باشقۇرىدۇ. جۇڭگودىكى Xbox نىڭ ئىقتىدارىمۇ ھەم جۇڭگوغا ئۇيغۇن شەكىلدە خاسلاشتۇرۇلغان. جۇڭگودا :
ساقلاش
- b. دۇكان. Store ئەپ (ئويۇنلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ۋە باشقا رەقەملىك مەزمۇن كۆرۈش، چۈشۈرۈش، سېتىۋېلىش، باھالاش ۋە ئۇلارغا ئىنكاس يېزىشقا بولىدىغان مۇلازىمەتتۇر. بۇ شەرتلەر Microsoft ياكى ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى (Office Store ۋە Windows دىكى Microsoft Store ھەمدە Xbox دىكى Microsoft Store لار شۇنىڭ ئىچىدە، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ) يۈرگۈزىدىغان بەزى Store لارغا قوللىنىلىدۇ. Office Store مۇلازىمىتى Office مەھسۇلاتلىرى، Office, Office 365, SharePoint, Exchange, Access ۋە Project (نەشرى 2013 ياكى يۇقىرى) نىڭ ئەپلىرى ياكى Office Store ماركىسى ئاستىدا تەمىنلەنگەن باشقا مۇلازىمەتلەر بار Store نى كۆرسىتىدۇ. «Windows دىكى Microsoft Store» مۇلازىمىتى Microsoft ياكى ئۇنىڭ تارماقلىرى يۈرگۈزىدىغان تېلېفون، كومپيۇتېر ۋە تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق Windows ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ياكى Microsoft Store نامىدا چىقىرىلغان ھەمدە تېلېفون، كومپيۇتېر ۋە تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق Windows ئۈسكۈنىلىرىدە كىرگىلى بولىدىغان Store دۇر.«Xbox دىكى Microsoft Store» مۇلازىمىتى Microsoft ياكى ئۇنىڭ تارماقلىرى يۈرگۈزىدىغان، Xbox سۇپىسى ياكى Microsoft Store نامىدا چىقىرىلغان شۇنداقلا خالىغان Xbox سۇپىسىدا ئىشلەيدىغان Microsoft Store نى كۆرسىتىدۇ.
- i. ئىجازەتنامە ماددىلىرى مۇناسىۋەتلىك بازارلاردىكى ھەرقايسى قوللنىشچان يومشاق دىتاللارنى يولغا قويۇپ تەمىنلىيەلىگۈچىلەرنى بىز بىكىتىپ چىقىمىز ئەپتە باشقا ئىجازەت شەرتلىرى بېرىلمىگەنلا بولسا، بۇ شەرتلەرنىڭ ئاستىدىكى ئۆلچەملىك ئەپ ئىجازەت شەرتلىرى (“SALT”) سىز بىلەن ئەپ تارقاتقۇچى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم بولۇپ، Microsoft ياكى ئۇنىڭ تارماقلىرى (Office Store بۇنىڭ سىرتىدا) يۈرگۈزگەن Store ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئەپلەرگە قوللىنىلىدۇ. بۇ شەرتلەر Microsoft مۇلازىمەتلىرى تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلەرگە قولىنىلىدۇ. مەزكۇر شەرتلەرنىڭ 5-ماددىسى دۇكاندىن ئالغان ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىگە قوللىنىلىدۇ. Office دۇكىنى ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن ئەپلەر SALT ئارقىلىق باشقۇرۇلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئايرىم ئىجازەت شەرتلىرى بار.
- ii. يېڭىلانغان گەرچە، سىز مۇناسۋەتلىك دوكانلارغا تىزىمىلاتمىغان بولسڭىزمۇ، بىز سىزنىڭ قۇللىنىشچان پىروگىرامىڭىزغا نىسبەتەن ئاپتۇماتىك ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېىرىپ، ماتىرىياللارنى يېڭىلاش ئېلىپ بارىمىز. ئەگەر سىز قوللىنىشچان پىروگىرامىڭىزغا نىسبەتەن ئاپتۇماتىك يېڭىلاش ئېلىپ بېرىشنى خالىمىسڭىىز ، ئامبىرىڭىزنى ئۆزگەرتىسڭىز ياكى سىېتىسمىنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ شۇنداق بولسىمۇ، توردا تولۇق ياكى قىسمەن باشقۇرىلىدىغان بەزى Office Store قولىنشچان يومشاق دىتاللارى يومشاق دىتال ئىقىدارىنى ئاشۇرغۇچىلار تەرپىدىن سىزنىڭ يېڭىلاشنى روخسەت قىلىشنىڭىزنى كۈتمەستىن، ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا يىڭىلىنىپ تۇرىشى مۈمكىن.
- iii. دەرىجە باھاسى ۋە باھالاش دۇكاندا ئەپ ياكى باشقا رەقەملىك مالغا باھا بەرسىڭىز ياكى ئىنكاس يازسىڭىز، Microsoft تىن ئەپ ياكى رەقەملىك مالنىڭ تارقاتقۇچىسى تەمىنلىگەن مەزمۇن بار تورخەت تاپشۇرۇۋالىسىز. بۇ خىل تورخەتلەر Microsoft تىن كېلىدۇ؛ تورخەت ئادرېسىڭىزنى سىز دۇكاندىن ئالغان ئەپ ياكى رەقەملىك مالنىڭ تارقاتقۇچىسى بىلەن ئورتاقلاشمايمىز.
- iv. بىخەتەرلىك ئەسكەرتمسى يارىلىنىش، كۆز چارچاش قاتارلىق زىيانلىق ئاقىۋەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئويۇن ياكى باشقا ئەپلەرنى ئىشلەتكەندە قەرەللىك ھالدا دەم ئېلىشىڭىز كېرەك، بولۇپمۇ ئۇلارنى ئىشلىتىشتىن ئاغرىق ياكى چارچاش ھېس قىلغاندا چوقۇم شۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر بىئارام بولسىڭىز، ئارام ئېلىڭ. بىئاراملىق كۆڭلى ئېلىشىش، ھەرىكەت قالايمىقانلىشىش، باش قېيىش، يۆنىلىشنى پەرقلەندۈرەلمەسلىك، باش ئاغرىقى، چارچاش، كۆز ئاغرىش ياكى كۆز قۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. ئەپ ئىشلىتىش دىققىتىڭىزنى بۇراپ، ئەتراپىڭىزدىكى نەرسىلەرنى ياخشى كۆزىتىشىڭىزگە توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداق ئەھۋالدا يىقىلىپ چۈشۈشتىن، پەلەمپەي، تۆۋەن تورۇس، ئاسان سۇنىدىغان ياكى قىممەتلىك بۇيۇملاردىن يىراق تۇرۇڭ. ناھايىتى ئاز ساندىكى تۇتقاقلىق كىسىلى بار كىشلەردە مەزكۇر دىتالغا نىسبەتەن رەسىم لاپ - لۇپ قىلىش ، خىرە كۈرۈنۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۈرۈلۈشى مۈمكىن گەرچە ئىلگىرى بۇخىل كېسەل بولۇپ باقمىغان ياكى ئېىنىق دىئاگنوز قويولمىغان، ئەمما مۇشۇ خىل كېسەل قوزغالغان ئاھۋال ئاستىدا كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسا، باش قېيىش، كۆرۈش ئىقتىدارىدا ئۆزگىرىش بولۇش، تارتىشىپ قېلىش ياكى بەدەن تىتىرەش، بىئارام بولۇش، ئىچى سىقىلىش، ئاڭنى يوقىتىش ياكى تارتىشىپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ ئەگەر سىزدە مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال ئىشلىتىشنى توختىتىڭ ھەمدە دەرھال دوختۇرغا كۈرۈنۈڭ. ياكى، بۇرۇن سزدە مۇشۇخىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بولسا ، ئىشىلتىشىتىن بۇرۇن دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىڭ مۇشۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى بار بالىلارنىڭ قوللىنىشىچان دىتالنى ئىشلىتىش جەريانىنى ئاتا-ئانىلار چوقۇم نازارەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
Microsoft ئائىلە ئىقتىدارلىرى
- c. Microsoft ئائىلە ئىقتىدارلىرى. ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار، ئائىلىدە قانداق قىلىقلارنىڭ، تور بېكەتلىرىنىڭ، ئەپلەرنىڭ، ئويۇنلارنىڭ، فىزىكىي ئورۇنلارنىڭ ۋە خەجلەشلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئورتاق بىر چۈشىنىشكە ئاساسلانغان ئىشەنچ قۇرماق ئۈچۈن «Microsoft ئائىلە بىخەتەرلىكى» ئىچىدە بولغان ھالدا Microsoft ئائىلە ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتەلەيدۇ. ئاتا-ئانىلار، https://account.microsoft.com/family گە بېرىش ئارقىلىق (ياكى Windows ئۈسكۈنىلىرىدىكى ياكى Xbox كونسوللىرىدىكى كۆرسەتمىلەرگە ئەگىشىش ئارقىلىق) ۋە بالىلارنى ياكى باشقا ئاتا-ئانىلارنى قېتىلىشقا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق بىر ئائىلە يارىتالايدۇ. ئائىلە ئەزالىرى ئىشلىتەلەيدىغان نۇرغۇن ئىقتىدارلار بار، شۇڭا بىر ئائىلە يارىتىشقا ياكى بىر ئائىلىگە قېتىلىشقا قوشۇلغىنىڭىزدا ۋە ئائىلە ئېرىشىمى ئۈچۈن «رەقەملىك بۇيۇملار» سېتىۋالغىنىڭىزدا تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلارنى دىققەت بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈڭ. بىر ئائىلە يارىتىش ياكى بىر ئائىلىگە قېتىلىش ئارقىلىق، ئائىلىنى مەقسىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئىشلىتىشكە قوشۇلغان بولىسىز ۋە باشقا بىر كىشىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قانۇنسىز ھالدا ئېرىشىم قىلماق ئۈچۈن ھوقۇقلاندۇرۇلمىغان بىر ئۇسۇلدا ئىشلەتمەيسىز. «Microsoft ئائىلىسى ئىقتىدارلىرى» «Microsoft مۇلازىمەتلىرى» گە مەخسۇس بولۇپ، باشقا پلاتفورمىلارغا ئاقتۇرغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، Xbox قا خاس Family Safety تەڭشەكلىرى Xbox كونسوللىرى، Xbox Cloud Gaming ۋە كومپىيۇتېر ياكى كۆچمە ئۈسكۈنىلىرىدىكى Xbox ئەپى ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ، ئەمما باشقا ئۈسكۈنىلەردە ياكى پلاتفورمىلاردا ئېرىشىم قىلىنغان ياكى ئوينالغان Xbox Game Studios ئويۇنلىرى ياكى مۇلازىمەتلىرى ئۈچۈن كېڭەيتىلمەسلىكى مۇمكىن. ئائىلىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر بىر ئويۇن تەجرىبىسىنى كاپالەتلىمەك ئۈچۈن، مەرھەمەت بۇ باشقا ئۈسكۈنىلەردىكى ۋە پلاتفورمىلاردىكى ئاتا-ئانا تەڭشەكلىرىنى تەكشۈرۈڭ.
گۇرۇپپا ئۇچۇرلىرى
- d. گۇرۇپپا ئۇچۇرلىرى. كۆپلىگەن Microsoft مۇلازىمەتلىرى باشقىلارغا ئاۋازلىق ياكى تېكىست ئۇچۇرى ئەۋەتىشىڭىزگە رۇخسەت قىلىدۇ، يەنە Microsoft ياكى Microsoft نىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلارمۇ سىزگە ياكى سىزگە ۋەكىل بولالايدىغان باشقا ئىشلەتكۈچىلەرگە شۇنداق ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىدۇ. Microsoft ۋە Microsoft نىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلارنى سىزگە ياكى باشقىلارغا شۇنداق ئۇچۇر ئەۋەتىشكە چاقىرسىڭىز، سىز ۋە سىز بىزنى ئۇچۇر يوللاشقا چاقىرغان باشقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغۇچىلارغا ۋاكالەتەن Microsoft ياكى Microsoft نىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلاردىن شۇنداق باشقۇرۇلما ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىشىمىزگە رۇخسەت قىلغان بولىسىز. باشقۇرۇلما ئۇچۇرلار Microsoft تىن كېلىدىغان ھەرخىل مۇئامىلە خەتلىرى بولۇپ، ئۇلار «قارشى ئېلىش ئۇچۇرى» ياكى ئۇچۇر تاپشۇرۇۋېلىشنى توختىتىش ئۇسۇلى دېگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىراق ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. سىز ياكى گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۇنداق ئۇچۇرلارنى ئەمدى تاپشۇرۇۋېلىشنى خالىمىساڭلار، Microsoft ياكى Microsoft نىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلاردىن كېلىدىغان ئۇچۇرلارنى بېرىلگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە خالىغان ۋاقىتتا سۈزۈپ توختىتىۋېتەلەيسىز. ئۇنداق ئۇچۇرلارنى ئەمدى تاپشۇرۇۋېلىشنى ياكى گۇرۇپپىدا تۇرۇشنى خالىمىسىڭىز، ئالاقىدار پىروگرامما ياكى مۇلازىمەتتە بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە شۇ ئۇچۇرلارنى سۈزۈپ توختىتىۋېتىشكە قوشۇلۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر بىرەر گۇرۇپپا ئەزاسى شۇنداق ئۇچۇرلارنى ئەمدى تاپشۇرۇۋېلىشنى ياكى گۇرۇپپىدا داۋاملىق تۇرۇشنى ئەمدى خالىمايدۇ دەپ قارىسىڭىز، شۇ ئەزانى گۇرۇپپىدىن چىقىرىۋېتىشكە مەسئۇل بولىسىز. يەنە ئۆزىڭىز ۋە گۇرۇپپا ئەزالىرىغا ۋاكالەتەن سىز ئەۋەتىشىمىزگە رۇخسەت قىلغان ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكەندە سىزنىڭ ياكى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ كۆچمە مۇلازىمەت يۈرۈتكۈچىسى ئالىدىغان ئۇچۇر ھەققىنى تۆلەشكە مەسئۇل بولۇشقا قوشۇلىسىز، ھەمدە گۇرۇپپا ئەزالىرىمۇ ئۆزلىرى مەسئۇل بولۇشقا قوشۇلۇشى كېرەك. ئا ق ش كۆچمە مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلىرىنىڭ تورىدا يوللاپ-قوبۇللىنىدىغان ئىچكى ئۇچۇرلارغا كېلىدىغان ھەقلەرمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە.
Skype، Microsoft Teams، ۋە GroupMe
- e. Skype، Microsoft Teams، ۋە GroupMe.
- i. جىددىي ئەھۋال مۇلازىمەتلىرى. ئەنئەنىۋى كۆچمە ياكى مۇقىم تېلېفون مۇلازىمەتلىرى بىلەن Skype، Microsoft Teams، ۋە GroupMe ئارىسىدا مۇھىم پەرقلەر بار. Microsoft، ھەرقانداق بىر ئالاقىدار يەرلىك ياكى دۆلەتلىك بەلگىلىمە، نىزام ياكى قانۇن ئاستىدا Skype، Microsoft Teams ۋە GroupMe نىڭ «جىددىي ئەھۋال مۇلازىمەتلىرى» گە ئېرىشىم بېرىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. Skype يۇمشاق دېتالى ياكى مەھسۇلاتلىرى ھەرقانداق دوختۇرخانا، قانۇن ئىجرا ئورۇنلىرى، تېببىي مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ياكى ھەرقانداق جىددىي قۇتقۇزغۇچى خادىم ياكى ئورگانغا ئۇلىنىدىغان تېلېفون مۇلازىمىتى (بۇلار «جىددىي مۇلازىمەت» دېيىلىدۇ)
- ii. API ياكى رادىئو ئەگەر Skypeنى ھەرقانداق رادىئوغا ئۇلىماقچى بولسىڭىز، چوقۇم «رادىئو مۇلازىمىتى كېلىشىمى»گە بويسۇنۇشىڭىز كېرەك https://www.skype.com/go/legal.broadcast ئەگەر سىز ئىشلەتمەكچى بولغان ھەرقانداق قوللىنىشچان پروگراممىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزى ئاشكارا بولسا، Skype ئىجازەت كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك بۇلارنىڭ ھەممىسى(“API”) www.skype.com/go/legal.
- iii. سىياسەتتە ئادىل بولۇش سىياسەتتە باراۋەر بولۇش Skypeقىمۇ ماس كېلىدۇ بۇ سىياسەتلەرگە قاراپ بېقىڭ يەنى ئۇلار ئالدامچىلىق، قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان، شۇنداقلا شۇ تۈردىكى مەزمۇنلارنى چەكلەش، داۋاملىشىش ۋاقتى ياكى كەلگەن تېېفون قاتارلىقلارغا قارىتىلغان ياكى ياكى سىزنىڭ ئۇچۇر چەكلىمىڭىزگە قارايدۇ بۇ سىياسەتلەر بۇ كېلىشىمدە قوللىنىش ئۈچۈن كىرگۈزۈلگەن بۇ سىياسەتلەرنى بۇ يەردىن تاپالايسىز https://www.skype.com/go/terms.fairusage.
- iv. خۇسۇسىي سودا خاراكتېرلىك بولمىغان ئىشلىتىش ئىشلىتىۋاتقان Skype بولسا خۇسۇسىي ئىشلىتىدىغان بولۇپ، سودىغا ئىشلىتىلمەيدۇ Skype ھېسابات نومۇرىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ كارخانا ئالاقىڭىزدە ئىشلىتىشكە روخسەت قىلىندى.
- v. شەخسىي/تىجارەت خاراكتېرىنى ئالمىغان ئاساستا ئىشلىتىش. Skype نى ئۆزىڭىز ئىشلىتىسىز، تىجارەت خاراكتېرىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. Skype نى ئۆز تىجارەت ئالاقىڭىزدە ۋە خىزمەتتە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .Skype نومۇرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات ئۈچۈن https://go.skype.com/home.skype-number نى كۆرۈڭ.
- vi. Skype باشقۇرغۇچىسى «Skype باشقۇرغۇچ باشقۇرغۇچى ھېساباتى» نى ئۆزىڭىز قۇرۇپ، قانۇنىي كارخانا سالاھىيىتىدە ئەمەس، Skype باشقۇرغۇچ گۇرۇپپىسىنىڭ شەخسىي باشقۇرغۇچىسى سالاھىيىتىدە باشقۇرىسىز. شەخسىي Microsoft ھېساباتىڭىزنى Skype باشقۇرغۇچ گۇرۇپپىسىغا ئۇلىسىڭىز بولىدۇ («ئۇلانغان ھېسابات») Skype باشقۇرغۇچ گۇرۇپپىڭىزغا يەنە مەزكۇر شەرتلەرنى قوبۇل قىلىدىغان باشقا كىشىلەرنى باشقۇرغۇچى قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر Skype نومۇرىنى ئۇلانغان ھېساباتقا تەقسىملىسىڭىز، ئۇلانغان ھېساباتىڭىزنىڭ ئورنىغا ئالاقىدار بارلىق تەلەپلەرگە ئەمەل قىلىشقا ئۆزىڭىز مەسئۇل بولىسىز. Skype باشقۇرغۇچ گۇرۇپپىسىدىن ئۇلانغان ھېساباتنى ئۈزمەكچى بولسىڭىز، ھەرقانداق ئالاقىدار مۇشتەرىلىك، Skype كىرېدىتى ياكى Skype نومۇرى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ، ئۈزۈلگەن ھېساباتقا باغلىق ھەرقانداق مەزمۇنلىرىڭىز ۋە ماتېرىياللىرىڭىزنى قايتا زىيارەت قىلالمايسىز. ئۇلانغان ھېساباتتىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئالاقىدار مەلۇمات قوغداش قانۇنلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشىغا قوشۇلىسىز.
- vii. خەلقئارالىق ئۇچۇر ھەققى.مەرھەمەت شۇ سەمىڭىزدە بولسۇن، GroupMe ۋە Microsoft Teams قۇرۇلغان ھەر گۇرۇپپا ئۈچۈن نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاساسىدىكى نومۇرلارنى ئىشلىتىدۇ. بىر GroupMe ياكى Microsoft Teams نومۇرىغا ئەۋەتىلگەن ياكى ئۇنىڭدىن تاپشۇرۇۋېلىنغان ھەر بىر تېكىست ئۇچۇر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئەۋەتىلگەن ياكى ئۇنىڭدىن تاپشۇرۇۋېلىنغان بىر خەلقارالىق تېكىست ئۇچۇر دەپ سانالمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ھەق ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىڭىزدىن سۈرۈشتۈرۈڭ.
Bing ۋە MSN
- f. Bing ۋە MSN.
- i. Bing ۋە MSN ماتېرىياللىرى. Microsoft بوتلىرى، ئەپلىرى ۋە پىروگراممىلىرى ئىچىدە بولغان ھالدا Bing ۋە MSN دە مەۋجۇت ماقالىلەر، تېكىستلەر، سۈرەتلەر، خەرىتىلەر، ۋىدېيولار، ۋىدېيو قويغۇچلار ۋە ئۈچىنچى تەرەپ ماتېرىياللار پەقەت تىجارىي بولمىغان، شەخسىي ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈندۇر. بۇ ماتېرىياللارنى چۈشۈرمەك، كوپىيەلىمەك ياكى قايتىدىن تارقاتماق ۋەيا بۇ ماتېرىياللارنى ياكى مەھسۇلاتلارنى ئۆز مەھسۇلاتلىرىڭىزنى بەرپا قىلماق ئۈچۈن ئىشلەتمەك ئىچىدە بولغان ھالدا باشقا ئىشلىتىشلەرگە پەقەت Microsoft ياكى ھەق ئىگىلىرى تەرىپىدىن مەخسۇس ھوقۇقلاندۇرۇلغان ياكى ئالاقىدار نەشىر ھوقۇقى قانۇنى تەرىپىدىن رۇخسەت قىلىنغان دائىرىدە ئىجازەت قىلىنىدۇ. Microsoft ياكى باشقا ھەق ئىگىلىرى، Microsoft تەرىپىدىن ئىجازەتنامە شەرتلىرى ئاستىدا ئوچۇق بىر شەكىلدە بېرىلمىگەن ماتېرىيال ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى، يا ئىما شەكلىدە بولسۇن، ئىتىراز ھەققىنىڭ چۈشۈشى بىلەن بولسۇن ياكى باشقا بىر شەكىلدە ساقلاپ قالىدۇ.
- ii. Bing خەرىتىسى. ئەگەر يېزىقچە قوشۇلغانلىق ئىسپاتى بولمىسا، ئامېرىكا، كانادا، مېكسىكا، يېڭى زىللاندىيە، ئاۋىسترالىيە ۋۋە ياپونىيەنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەتلىرىنى ئىشلەتسىڭىز بولمايدۇ.
- iii. Bing ئورۇن تاپقۇچ. مەلۇمات ياكى مەزمۇنلىرىڭىزنى Bing ئورۇن تاپقۇچقا تەمىنلىگەندە، Microsoft نىڭ شۇ مەلۇمات ۋە مەزمۇنلارنى مۇلازىمەتنىڭ بىر بۆلىكى سۈپىتىدە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا باجسىز ھالدا بىلىم-مۈلۈك قاتارىدا ئىجازەتلەپ ئىشلىتىشى، قايتا ئىشلىشى، ساقلىشى، ئۆزگەرتىشى، بىرىكتۈرۈشى، ئۆستۈرۈشى، يوللىشى، كۆرسىتىشى ياكى تارقىتىشىغا، شۇنداقلا ئۈچىنچى تەرەپلەرگە قايتا ئىجازەتلەپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلغان بولىسىز (مەزمۇن ۋە مەلۇماتلىرىڭىزدىكى بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە).
Cortana
- g. Cortana.
- i. شەخسىي غەيرىي سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىش. Cortana بولسا Microsoft نىڭ شەخسىي ياردەمچى مۇلازىمىتىدۇر. Cortana تەمىنلەيدىغان بۇ ئىقتىدار، مۇلازىمەت ۋە مەزمۇنلار (ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «Cortana مۇلازىمىتى» دېيىلىدۇ) پەقەت شەخسىي ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈندۇر، تىجارەتتە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
- ii. ئىقتىدار ۋە مەزمۇن. Cortana نىڭ ھەرخىل ئىقتىدارى بار، بەزىلىرىنى خاسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. Cortana مۇلازىمىتى ئارقىلىق Microsoft مۇلازىمىتى ياكى ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىدىن مۇلازىمەت، ئۇچۇر ياكى ئىقتىدار ئالالىشىڭىز مۇمكىن. 13-ماددىدىكى مۇلازىمەتكە ئالاقىدار شەرتلەر Cortana مۇلازىمەتلىرى ئارقىلىق ئىشلەتكەن Microsoft مۇلازىمەتلىرىگىمۇ قوللىنىلىدۇ. Cortana پىلانلىرىڭىز ئۈچۈن ئۇچۇر تەمىنلەيدۇ، بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغاندا ئۆز تەجرىبىڭىز بويىچە قارارنى ئۆزىڭىز چىقىرىشىڭىز كېرەك. Cortana تەمىنلىگەن خاسلاشتۇرما مۇلازىمەتلەرنىڭ ئىشەنچلىك ۋە راۋان بولۇشىغا Microsoft كاپالەت بەرمەيدۇ. Cortana ئۇچۇر، ئۇقتۇرۇش ۋە ئالاقە يوللاش-قوبۇللاشتا كېچىكسە Microsoft مەسئۇل بولمايدۇ.
- iii. ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرى. Cortana مۇلازىمىتىنى يۈرگۈزۈشنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە Cortana ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرى (ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ھۈنەر ۋە ئۇلانما مۇلازىمەتلىرى) بىلەن ئالاقىدە بولۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنداق قىلسىڭىز، Cortana ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن پوچتا نومۇرىڭىز ۋە ئىزدەش سۆزى دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىپ، شۇ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمىتى قايتۇرغان مۇلازىمەتنى سىزگە يەتكۈزىدۇ. Cortana ئارقىلىق يەنە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىدە بېكىتكەن ھېسابات مايىللىقىڭىز ۋە تەڭشەك بويىچە مال سېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىشى مۇمكىن. خالىغان ۋاقىتتا Cortana مۇلازىمىتىنى ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىدىن ئۈزۈۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرىگە Cortana نى ئۇلاش ھەرىكىتىڭىز بۇ شەرتلەرنىڭ 5-بۆلىكى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ۋە مۇلازىمەت تارقاتقۇچىلار ئۆز مۇلازىمەتلىرىنى ئۆز ئىختىيارىي بويىچە توختىتىشى ياكى Cortana مۇلازىمەتلىرى بىلەن بولغان باغلىنىشنى ئۈزۈشى مۇمكىن. ئىشلەپچىقارغۇچى تەمىنلىگەن يۇمشاق دېتال ياكى ئۇيۇل دېتالغا Microsoft مەسئۇل بولمايدۇ.
- iv. Cortana لىق ئۈسكۈنىلەر. Cortana لىق ئۈسكۈنىلەر Cortana مۇلازىمەتلىرىگە ماس كېلىدىغان، Cortana مۇلازىمەتلىرى، مەھسۇلاتلىرى ياكى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغان مەھسۇلات ياكى ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. Cortana لىق ئۈسكۈنىلەر ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ياكى Microsoft قا تەۋە ئەمەس ياكى ئۇ ئىشلىمىگەن ياكى ئاچمىغان مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ياكى مەھسۇلاتلىرىغا Microsoft مەسئۇل ئەمەس.
- v. يۇمشاق دېتال يېڭىلاش. سىزدىكى Cortana مۇلازىمىتىنىڭ نەشرىنى ئۆزلۈكىدىن تەكشۈرۈپ، يۇمشاق دېتال يېڭىلانمىسى چۈشۈرۈشىمىز، سەپلىمە ئۆزگەرتىشىمىز ھەمدە Cortana لىق ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن Cortana يۇمشاق دېتالىنى يېڭىلاشنى تەلەپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
Microsoft 365 ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرى
- h. Microsoft 365 ئەپ ۋە مۇلازىمەتلىرى.
- i. ئىشلىتىش شەرتلىرى. Microsoft 365 ئۆي نەشرى / Microsoft 365 شەخسىي نەشرى / Microsoft 365 باشلانغۇچ نەشرى / Sway / OneNote.com ۋە Microsoft 365 نىڭ باشقا ئەپ-مۇلازىمەتلىرى ياكى Office ماركىلىق مۇلازىمەتلەر پەقەت شەخسلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈندۇر، Microsoft بىلەن سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىش كېلىشىمى تۈزگەن ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا. Microsoft 365 ئائىلە نەشرى، Microsoft 365 شەخسىي نەشرى ۋە باشقا Microsoft 365 ئەپ-مۇلازىمەتلىرى Word, Excel, PowerPoint, Outlook, OneDrive, Access ۋە Publisher قاتارلىق بارلىق مۇلازىمەت بۇ كېلىشىمدىن باشقا يەنە https://aka.ms/useterms دىكى شەرتلەر ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ.
- ii. قوشۇمچە Outlook شەرتلىرى. Outlook، Bing خەرىتىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئىچىگە ئالىدۇ. Bing خەرىتىسى ئارقىلىق تەمىنلەنگەن ھەر قانداق مەزمۇن، جۈملىدىن گېئوكودلار پەقەت مەزمۇن تەمىنلىنىدىغان مەھسۇلات ئىچىدە ئىشلىتىلەلەيدۇ. «Bing خەرىتىسى» نى ئىشلىتىشىڭىز go.microsoft.com/?linkid=9710837 دا تېپىلىدىغان «Bing خەرىتىسى ئاخىرقى ئىشلەتكۈچى ئىشلىتىش شەرتلىرى» ۋە go.microsoft.com/fwlink/?LinkID=248686 دا تېپىلىدىغان «Microsoft مەخپىيەتلىك باياناتى» تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ.
رەقەملىك تاۋارلار
- i. رەقەملىك تاۋارلار. سىز جۇڭگودا Microsoft شىركىتى Microsoft Groove, Microsoft Movies & TV, Store, Xbox مۇلازىمەتلىرى ۋە باشقا كەلگۈسى مۇلازىمەتلەر ئارقىلىق تەمىنلىگەن مۇزىكا، رەسىم، تېكىست، كىتاب، ئويۇن ياكى باشقا ماتېرىياللار (قىسقارتىپ رەقەملىك ماللار دەيمىز) ئاڭلىيالىشىڭىز ياكى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن. رەقەملىك تاۋارلار پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي سودا خاراكتېرىدە بولمىغان مەقسەتلەردە پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ. رەقەملىك تاۋارلارنى قايتا ساتماسلىق، تارقاتماسلىق، ئاممىۋىي سورۇندا قويماسلىق ياكى كۆرسەتمەسلىك ياكى باشقىلارغا كۆچۈرۈپ ئەۋەتىپ بەرمەسلىككە قوشۇلۇشىڭىز كېرەك. رەقەملىك تاۋارلارنىڭ ئىگىدارلىقى Microsoft ياكى ئۈچىنچى تەرەپكە تەۋە بولۇشى مۇمكىن. ھەرقانداق ئەھۋالدا رەقەملىك ماللارغا قارىتا سىزگە بېرىلىدىغان ھەرقانداق ئىجازەت ياكى ھوقۇق مەزكۇر كېلىشىم، نەشر ھوقۇقى قانۇنى ۋە https://go.microsoft.com/fwlink/p/?LinkId=723143 دىكى ئىشلىتىش قائىدىلىرى بويىچە يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. ھەرقانداق مۇلازىمەت ئارقىلىق ئېرىشكەن ھەرقانداق رەقەملىك تاۋارلارنى ھەرقانداق ئەھۋالدا نىقابلاش، ئىگىدارلىقى ياكى رەقەملىك تاۋار مەنبەسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ۋە باشقا ھەرقانداق مەقسەتتە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىققا قوشۇلۇشىڭىز كېرەك. Microsoft ياكى شۇ رەقەملىك تاۋارلارنىڭ ئىگىلىرى قەرەللىك ھالدا ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش بەرمەي تۇرۇپ، مۇلازىمەتلەردىن رەقەملىك تاۋارلارنى چىقىرىۋېتىشى مۇمكىن.
Microsoft بوشلۇقى
- j. Microsoft بوشلۇقى.
- i. OneDrive بوشلۇقىنى تەقسىملەش. ئەگەر Microsoft بوشلۇقى سىزگە ھەقسىز ياكى ھەقلىق مۇشتەرىلىك ئارقىلىق تەمىنلىگەن OneDrive بوشلۇقىدا بوشلۇق سىغىمىدىن كۆپ مەزمۇنلىرىڭىز بار بولسا ھەمدە Microsoft سىزگە يېڭى مۇشتەرىلىك سېتىۋېلىپ ياكى مەزمۇن چىقىرىۋېتىپ بۇ ئەھۋالنى ئوڭشاش ھەققىدە ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشقا ئىنكاس قايتۇرمىسىڭىز، ھېساباتىڭىزنى ئېتىش ھەمدە OneDrive دىكى مەزمۇنلىرىڭىزنى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىمىز. Microsoft بوشلۇقىنىڭ سىغىم ئۆلچىمى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار بۇ يەر (https://prod.support.services.microsoft.com/office/how-does-microsoft-storage-work-2a261b34-421c-4a47-9901-74ef5bd0c426)دە.
- ii. OneDrive مۇلازىمەت ئىپادىسى. ئۈسكۈنە، ئىنتېرنېت ئۇلىنىشى ۋە Microsoft نىڭ مۇلازىمەت بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئىقتىدارىنى راۋان يۈرگۈزۈشكە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى قاتارلىق ھەرخىل ئامىللار سەۋەبلىك OneDrive دا مەزمۇن يۈكلەش ياكى ماسقەدەملەشتە بەزىدە كېچىكىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
- iii. Outlook.com بوشلۇق تەقسىماتى. ئەگەر Outlook.com خەت ساندۇقىدىكى مەزمۇن Microsoft بوشلۇقى سىزگە ھەقسىز ياكى ھەقلىق تەمىنلىگەن بوشلۇق چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، خەت يوللاش ياكى قوبۇللاش توختايدۇ، مەزمۇن چىقىرىۋېتىپ ياكى يېڭى مۇشتەرىلىك سېتىۋېلىپ يېتەرلىك بوشلۇق ھازىرلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر Microsoft سىزگە ئۇقتۇرغاندىن كېيىنمۇ ئارتۇق مەزمۇننى چىقىرىۋەتمىسىڭىز ياكى يېتەرلىك بوشلۇق سېتىۋالمىسىڭىز، مەزمۇنلىرىڭىزنى ئۆچۈرۈش ياكى ئېتىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىمىز. Microsoft بوشلۇقىنىڭ سىغىم ئۆلچىمى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار بۇ يەر (https://prod.support.services.microsoft.com/office/how-does-microsoft-storage-work-2a261b34-421c-4a47-9901-74ef5bd0c426)دە.
Microsoft پۇل قايتۇرۇش پىروگراممىسى
- k. Microsoft پۇل قايتۇرۇش پىروگراممىسى. Microsoft پۇل قايتۇرۇش پىروگراممىسى (قىسقارتىلىپ «پۇل قايتۇرۇش» دېيىلىدۇ) Microsoft خېرىدارلىرىنىڭ Bing.com ۋە Microsoft Edge دېگەندەك مۇئەييەن Microsoft مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىپ، بۇ پىروگراممىغا قاتناشقان پارچە سېتىش سودىگەرلىرىدىن مال سېتىۋالغاندا، پۇل قايتۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. پۇل قايتۇرۇش پىروگراممىسىغا قاتناشسىڭىز ياكى پۇل قايتۇرۇش ئېتىبارىنى ئاكتىپلىسىڭىز، پۇل قايتۇرۇش ماددىلىرى ۋە شەرتلىرى (https://www.microsoft.com/bing/rebates-terms) نى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. بەزى سالاھىيەت ئۆلچىمى، چەكلەش بەلگىلىمىسى ۋە باشقا چەكلىمىلەر پۇل قايتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىڭىزغا تەتبىقلىنىدۇ؛ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئۈچۈن پۇل قايتۇرۇش ھەققىدىكى دائىملىق سوئاللار (https://www.bing.com/rebates/faq) نى كۆرۈڭ.
Microsoft Rewards
- l. Microsoft Rewards.
- i. ئادەتتىكى ئۇچۇرلار. Microsoft Rewards (يەنى Rewards پىروگراممىسى) ھەقسىز پىروگرامما بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق بەزى Microsoft مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى شەخسىي ئىشلىتىپ، نومۇر ئالالايسىز. ئەگەر (تۆۋەندە ئېنىقلىما بېرىلگەن) پىروگراممىغا قاتناشقان رايونلاردا تىزىملاتقان Microsoft ھېساباتىڭىز بار بولسا، Rewards پىروگراممىسىغا ئۆزلۈكىدىن تىزىملىنىپ، مەشغۇلاتلىرىڭىز ئۈچۈن نومۇر ئالالايسىز. تۆۋەندىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە خالىغان ۋاقىتتا Rewards پىروگراممىسىغا قاتنىشىشنى بىكار قىلسىڭىز بولىدۇ.
- ii. ئالغان نومۇرنى بىر نەچچە خىل ئۇسۇلدا نەقلەيسىز (بۇلارنى نەقلەش ئۇسۇلى دەيمىز)، https://aka.ms/redeemrewards ("Rewards") بېتىدىكى نەقلەش بېتىدە تىزىلغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە ئالماشتۇرۇشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. خالىغان نەقلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق نومۇر نەقلەشتىن بۇرۇن https://rewards.microsoft.com/ ياكى باشقا Microsoft بېكەت ياكى بەتلىرىدىكى Rewards سۇپىسى ئارقىلىق Rewards پىروگراممىسى ھېساباتىڭىز (Rewards ھېساباتى) نى ئاكتىپلاش كېرەك. Rewards ھېساباتى ئاكتىپلاش ئۈچۈن ھەق ئېلىنمايدۇ.
- iii. Rewards پىروگراممىسى ئارقىلىق نومۇر ئېلىش، نەقلەش ۋە ئىشلىتىشكە قارىتا بەزى چەكلىمىلەر بار. Rewards ھەققىدىكى باشقا تەپسىلاتلارنى https://support.microsoft.com ("كۆپ سورالغان سوئاللار") ئارقىلىق كۆرۈڭ.
- iv. تەلەپ. Rewards ھېساباتى ئاكتىپلاپ، نومۇر ئېلىش، نەقلەش ۋە ئىشلىتىش ئۈچۈن كۆپ سورالغان سوئاللار بېتىدە تىزىلغان رايون تەۋەلىكىدە بولۇشىڭىز ھەمدە ئىناۋەتلىك Microsoft ھېساباتىڭىز بولۇشى كېرەك. كۆپ تورخەت ھېساباتىڭىز بار بولسىمۇ، پەقەت بىرلا Rewards ھېساباتى ئېچىپ ئبىشلىتەلەيسىز. بى ئائىلىنىڭ Rewards ھېساباتى ئالتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. Rewards پەقەت شەخسىي ئىشلىتىدىغان پىروگرامما، سودا ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. مەۋھۇم شەخسىي تور (VPN) ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق جۇغراپىيەلىك ئورۇن ياكى باشقا چەكلىمىلەردىن ئۆتۈپ Rewards ھېساباتى ئېچىش چەكلىنىدۇ، شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ھېسابات بىكار قىلىنىپ، نومۇر مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
- v. نومۇر ئېلىش. سىز ئىزدەش، سېتىۋېلىش، بەزى Microsoft مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىش، شۇنداقلا Microsoft تەمىنلىگەن باشقا پۇرسەتلەر دېگەندەك تەلەپكە چۈشىدىغان بەزى پائالىيەتلەر («ئېتىبار» دېيىلىدۇ) ئارقىلىق نومۇرغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىڭىز مۇمكىن. شۇ خىل ئېتىبارلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئاكتىپ Rewards ھېساباتىڭىز بولۇشى كېرەك. بەزى ئېتىبارلارنىڭ تەلىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، نومۇرغا ئېرىشىش ۋە ئۇنى Rewards ھېساباتىڭىزغا قوشۇپ بېرىشتىن بۇرۇن، سىزدىن نومۇرنى Rewards كونترول سۇپىسىدا ئېلىش تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن. Microsoft بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدە نومۇرنى ئالمىسىڭىز، شۇ نومۇر مۇسادىرە قىلىنىشى مۇمكىن. تەمىنلىنىدىغان ئېتىبارلار رايون، ۋاقىت ۋە باشقا چەكلىمىلەر بىلەن تارقىتىلىدۇ. نومۇر بېرىلىدىغان ئېتىبارلىق پائالىيەتلەرنىڭ مەخسۇس شەرت ۋە كېلىشىملىرىگە رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك. سىز Rewards سۇپىسى ياكى بەزى Microsoft مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتكەندە سىزگە بىۋاسىتە ئېتىبارلىق پائالىيەتلەر تەمىنلىنىشى مۇمكىن. Microsoft بەزى چاغلاردا ئۆزى قارار قىلىپ، ئالدىن ئۇقتۇرۇپ ياكى ئۇقتۇرماي تۇرۇپ سىزگە ئارتۇق نومۇر بېرىشى مۇمكىن، بۇ Microsoft مۇئەييەنلەشتۈرگەن سەمىمىي ئىزدەشلەر ۋە باشقا Microsoft مۇلازىمەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- vi. Rewards پىروگراممىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، «ئىزدەش» بولسا شەخسىي ئىشلەتكۈچى سەمىمىيلىك بىلەن قولىدا خەت كىرگۈزۈپ، Bing ئىزدەش نەتىجىسىگە ئېرىشىپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش مەقسىتىگە ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ؛ «ئىزدەش» ھەقىقىي سەمىمىي نىيەتتە بولمىغان شەخسىي ئىزدىنىش مەقسىتىنى ياكى ماشىنا ئادەم، ماكرو ياكى باشقا ھەرقانداق ئاپتوماتىك ياكى ئالدامچىلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق كىرگۈزۈلگەن سۈرۈشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. Rewards پىروگراممىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، «سېتىۋېلىش» مەيلى ھەقلىق ياكى ھەقسىز بولسۇن، Microsoft تىن بىۋاسىتە تاۋار سېتىۋېلىش ياكى رەقەملىك مەزمۇننىڭ ئىجازىتىنى چۈشۈرۈش ۋە ئېرىشىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. سىز Microsoft تىن ئىگە بولغان ھەممە نەرسىگە نومۇر بېرىلمەيدۇ، بۇنىڭمۇ مۇئەييەن چەكلىمىسى بار.
- vii. نومۇر چەكلىمىلىرى. نومۇرنى Microsoft پەقەت شەخسىي ۋە ئايرىم Rewards ھېساباتىغا بېرىدۇ، ئۇنى باشقا كىشى ياكى ئورۇنغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. يۇقىرىقىدەك بەلگىلىمە بولسىمۇ، Microsoft بەزىدە ئۆز ئىختىيارىي بىلەن سىزنىڭ (i) ئالغان نومۇرنى (مۇئەييەن چەكلىمىلەر بىلەن) ئۆيدىكىلەرگە ئورتاقلىشىشقا، (ii) نەقلەش بېتىدە تىزىلغان پايدا كۆزلىمەس ئورگانلارغا ئىئانە قىلىشقا (iii) ھەمدە Microsoft ۋە ئىجازەتلىك ئۈچىنچى تەرەپلەرنىڭ ئەزالىق پىروگراممىلىرىغا ئالماشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ، بۇ پائالىيەت سىز تۇرۇشلۇق رايونغا قاراپ ئوخشىمايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا شەرت ۋە كېلىشىملىرى بار. نومۇر ئىزچىل Microsoft نىڭ مۈلكى سۈپىتىدە قالىدۇ، سىز ئالغان نومۇر سىزگە تەۋە مۈلۈك ئەمەس، ئۇنىڭ پۇل قىممىتى يوق ھەمدە ئۇنى پۇلغا ئالماشتۇرالمايسىز. نومۇر سىزگە پەقەت ئېتىبارلىق پائالىيەتتە مۇكاپات سۈپىتىدە تارقىتىلىدۇ. نومۇرنى پۇلغا سېتىۋالالمايسىز. بىر كىشى، بىر ئائىلە ۋە (بىر كۈن دېگەندەك) مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە ئالغىلى بولىدىغان نومۇر ياكى Rewards سانىغا Microsoft چەك بېتكىدۇ، چەكلىمە تەپسىلاتىنى كۆپ سورالغان سوئاللار دېگەن بۆلەكتىن كۆرۈڭ. سىز قاتناشقان ئېتىبارلىق پائالىيەت ياكى نومۇر نەقلەش ئۇسۇلىدا باشقىچە ئوچۇق ئېيتىلمىغانلا بولسا، بۇ پىروگراممىدا ئالغان نومۇرنى Microsoft ياكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ باشقا ئېتىبارلىق پىروگراممىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇدا 12 ئاي Rewards ھېساباتىڭىزدا داۋاملىق نومۇر ئالمىسىڭىز ياكى نەقلىمىسىڭىز، Rewards ھېساباتىڭىزدىكى ئېلىپ بولغان نومۇر كۈچتىن قالىدۇ.
- viii. نەقلەش. نەقلەش بېتى ۋە بەزى Microsoft بېكەتلىرىدە نەقلەش ئۇسۇلى تەمىنلىنىدۇ. نەقلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق نومۇر نەقلىگەندە سىز ئىشلەتكەن نەقلەش ئۇسۇلىنىڭ تۆۋەن چېكى بويىچە Rewards ھېساباتىڭىزدا يېتەرلىك نومۇر ئالغان بولۇشىڭىز كېرەك. بەزىدە چەكلىك Rewards تارقىتىلىشى مۇمكىن، ئۇ خىل Rewards كىم بالدۇر كەلسە، شۇنىڭغا بېرىلىدۇ. بەزى نەقلەش ئۇسۇلى پوچتا ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرى (VOIP ياكى ھەقسىز نومۇردىن باشقا) تەمىنلەش ھەمدە ساختىلىقتىن ساقلىنىش كودى ياكى باشقا قانۇنلۇق ھۆججەت تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. مەھسۇلاتتا مەسىلە بولمىسا ياكى قانۇن باشقىچە تەلەپ قىلمىسىلا، نەقلەپ بولغان نومۇرنى بىكار قىلىش ياكى قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر سىز تاللىغان نەقلەش ئۇسۇلى توختىغان ياكى سىز تاللىغان مال قالمىغان بولسا، بىزنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن قىممىتى ئوخشاش نەقلەش ئۇسۇلىغا ئالماشتۇرۇش ياكى نومۇرىڭىزنى قايتۇرۇش ھوقۇقىمىز بار.
- ix. Microsoft نىڭ خالىغان ۋاقىتتا مەلۇم نەقلەش ئۇسۇلىنى يېڭىلاش ياكى توختىتىش ھوقۇقى بار. بەزى نەقلەش ئۇسۇلىنىڭ ياش، رايون ياكى باشقا ئايرىم شەرتلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئالاقىدار نەقلەش ئۇسۇلىدا شۇ نەقلەش ئۇسۇلىنىڭ تەلەپ ۋە شەرتلىرى بولىدۇ. نەقلەش ئۇسۇلىنى ئىشلتىىشتىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق فېدېراتسىيە، ئىشتاتلىق ۋە يەرلىك باج ھەمدە ھەرقانداق رەسمىيەت ھەقلىرىگە سىز مەسئۇل. Rewards سىز Microsoft ھېساباتىدا ئىشلەتكەن تورخەتكە ئەۋەتىلىدۇ، شۇڭا تورخەت ئادرېسىنىڭ يېڭىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. سىزگە ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلمىگەن Rewards قايتا بېرىلمەيدۇ ۋە مۇسادىرە قىلىنىدۇ. Rewards نى قايتا سېتىشقا بولمايدۇ. Rewards پىروگراممىسىدا بىر يىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 550,000 نومۇر نەقلىيەلەيسىز.
- x. Rewards ھېساباتىنى بىكار قىلىش. Rewards پىروگراممىسىغا قاتنىشىشنى خالىمىسىڭىز توختىتىش بېتى (https://rewards.microsoft.com/optout) ئارقىلىق Rewards ھېساباتىنى بىكار قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر Rewards ھېساباتىنى بىكار قىلسىڭىز، ئالغان نومۇرلىرىڭىز دەرھال يوقىلىدۇ، كەلگۈسىدە داۋاملىق نومۇر ئالالمايسىز. كەلگۈسىدە يەنە نومۇر ئالماقچى بولسىڭىز قايتا Rewards ھېساباتى ئېچىشىڭىز كېرەك (سىز ھېساباتنى بىكار قىلغاندا يوق بولغان بۇرۇنقى نومۇرلارنى Microsoft ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرمەيدۇ). ئەگەر ئۇدا 12 ئاي Microsoft ھېساباتىڭىزغا تىزىملاپ كىرمىسىڭىز، Rewards ھېساباتىڭىز بىكار قىلىنىشى (ئىچىدىكى نومۇرلار يىغىۋېلىنىشى) مۇمكىن.
- xi. پىروگرامما ئۆزگەرتىش ياكى توختىتىش. Microsoft بۇ Rewards پىروگراممىسى ياكى ئۇنىڭ مەلۇم بۆلىكىنى خالىغان ۋاقىتتا، ئۆز ئىختىيارى بىلەن، سىزگە ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلماي تۇرۇپ ئۆزگەرتىش، توختىتىش ياكى بىكار قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئەمما قانۇنىي ياكى بىخەتەرلىك سەۋەبلىك Rewards پىروگراممىسىنى دەرھال بىكار قىلىش ياكى توختىتىش زۆرۈرىيىتى كۆرۈلمىسىلا، بىز ئامال بار سىزگە تورخەت ۋە Rewards سۇپىسى ئارقىلىق خەۋەر بېرىپ، ئالغان نومۇرىڭىزنى 90 كۈن ئىچىدە نەقلىۋېلىشنى ئۇقتۇرىمىز.
- xii. باشقا شەرتلەر. ئەگەر Microsoft سىزنى Rewards پىروگراممىسىنىڭ سىستېمىسىغا چېقىلغان، ئۇنى يولسىز ئىشلەتكەن، ئالدىغان ياكى بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان دەپ قارىسا، Microsoft نىڭ Rewards ھېساباتىڭىزنى دەرھال بىكار قىلىش، كەلگۈسىدە Rewards پىروگراممىسىغا قاتنىشىشىڭىزنى چەكلەش، سىز Rewards پىروگراممىسى ئارقىلىق ئالغان نومۇرلارنى مۇسادىرە قىلىش، سىز تاللىغان نەقلەش ئۇسۇلىنى توڭلىتىش ھوقۇقى بار. ئەگەر (ئېكسپورت قانۇنى قاتارلىق) قانۇنىي سەۋەبلەردىن Microsoft سىزنى مۇئەييەن نەقلەش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش شەرتىگە چۈشمەيدۇ دەپ قارىسا، Microsoft نىڭ سىز Rewards پىروگراممىسى ئارقىلىق تاللىغان نەقلەش ئۇسۇلىنى بىكار قىلىش ياكى توڭلىتىش ھوقۇقى بار. Microsoft خاتالىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ئەمما بەزىدە خاتالىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا Microsoft ھەرۋاقىت خاتالىق تۈزىتىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇ تۈزىتىش سىز ئېرىشكەن ئېتىبار، بىر تەرەپ قىلىۋاتقان نومۇر ياكى نەقلەۋاتقان Rewards غا تەسىر يەتكۈزگەن ئەھۋالدىمۇ شۇنداق. بۇ Rewards پىروگراممىسىنىڭ شەرتلىرى بىلەن ئېلان قاتارلىق باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنىڭ مەزمۇنى بىردەك بولمىسا ياكى توقۇنۇشسا، بۇ شەرتلەر ئاساس قىلىنىدۇ.
Azure
- m. Azure. ئەگەر Azure مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتسىڭىز، ئۇ https://aka.ms/AA7z67v دىكى Microsoft Azure قانۇنىي ئۇچۇرلىرى بېتىدىكى شەتلەر ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ.
Power Platform
- n. Power Platform. Power Platform مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىش ھەرىكىتىڭىز Microsoft Power Platform (https://www.microsoft.com/en‑us/power‑platform/business‑applications/legal) دىكى Power Platform قانۇنىي ئۇچۇرلار بېتىدە كۆرسىتىلگەن ئايرىم كېلىشىم ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ.
Dynamics 365
- o. Dynamics 365. ئەگەر Dynamics 365 مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتسىڭىز، بۇ ئىشلىتىش ھەرىكىتىڭىز Microsoft Dynamics 365 (https://www.microsoft.com/en‑us/dynamics‑365/business‑applications/legal) دىكى Dynamics 365 قانۇنىي ئۇچۇرلار بېتىدە كۆرسىتىلگەن ئايرىم كېلىشىم ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ.
AI مۇلازىمەت
- p. AI مۇلازىمەتلىرى. «AI مۇلازىمەتلىرى»، «سۈنئىي ئىدراك» (AI) تېخنولوگىيەلىرىنى جۈملىدىن، ھەرقانداق بىر ھاسىللىغۇچى AI مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىدىغان مۇلازىمەتلەر ياكى بۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدۇر.
- i. ياردەمچى AI. AI مۇلازىمەتلەرنى كەسپىي تەكلىپ ئورنىدا ئىشلىتىشكە، ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇشقا بولمايدۇ ھەم شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ لايىھەلەنمىگەن.
- ii. تەتۈر يۆنىلىشلىك ئېچىش. AI مۇلازىمىتىنى مودېل، ھېسابلاش ئۇسۇلى ياكى سىستېمىلارنىڭ بۆلەكلىرىنى ئانالىز قىلىپ چوۋۇش ئۈچۈن ئىشلەتسىڭىز بولمايدۇ. مەسىلەن، مودېللارنىڭ ۋەزنىنى جەزملەش ۋە چىقىرىۋېتىشكە ياكى ئۈسكۈنىڭىزدىن AI مۇلازىمەتلىرىنىڭ ھەرقانداق بۆلىكىنى ئايرىپ ئېلىشقا ئۇرۇنسىڭىز بولمايدۇ.
- iii. مەلۇمات چىقىرىش. سىزگە ئوچۇق ئىجازەت بېرىلمىگەن ئەھۋالدا تور يىغقۇچ ياكى باشقا توردىن مەلۇمات چىقىرىش قوراللىرى ئارقىلىق AI مۇلازىمەتلىرىدىن مەلۇمات چىقارسىڭىز بولمايدۇ.
- iv. AI مۇلازىمەتلىرىدىن بولغان مەلۇماتلارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە دائىر چەكلىمىلەر. AI مۇلازىمەتلىرىنى ياكى AI مۇلازىمەتلىرىدىن بولغان مەلۇماتلارنى، ھەرقانداق بىر AI تېخنولوگىيەسىنى ياراتماق، تەربىيەلىمەك ياكى ياخشىلىماق (بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا) ئۈچۈن ئىشلىتەلمەيسىز.
- v. مەزمۇنلىرىڭىزنى ئىشلىتىش. تەمىنلەيدىغان AI مۇلازىمەتلىرىنىڭ بىر بۆلىكى سۈپىتىدە، مۇلازىمەتنى بولمىغۇر ياكى زىيانلىق شەكىلدە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن Microsoft سىز مۇلازىمەتكە كىرگۈزگەن ۋە مۇلازىمەتتىن چىقارغان مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە ساقلايدۇ.
- vi. مەزمۇننىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى. Microsoft سىز AI مۇلازىمەتلىرىگە تەمىنلىگەن، ئېلان قىلغان، كىرگۈزگەن، تاپشۇرغان ياكى ئۇنىڭدىن قوبۇللىغان (قايتۇرغان ئىنكاس ۋە تەكلىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەرقانداق مەزمۇننىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلمايدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش تەۋەلىكىنىڭ قانۇنلىرىغا ئاساسەن، ھاسىللانغان مەزمۇنلاردىكى ئىگە بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىڭىز ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىنى ئۆزىڭىز جەزملەشتۈرىسىز. شۇنىڭغا كاپالەت بەردىڭىز ۋە شۇنى بىلدۈردىڭىزكى، سىز بۇ ماددىلاردا بايان قىلىنغان مەزمۇننىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە ياكى ئۇلارنى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق كونترول قىلىسىز، بۇ سىز تەمىنلىگەن، ئېلان قىلغان، يۈكلىگەن، كىرگۈزگەن ياكى تاپشۇرغان مەزمۇنلارغا كېرەكلىك بارلىق ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.
- vii. مەزمۇن ئىسپاتى. مەزمۇن ھاسىللىماق ئۈچۈن AI مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، Microsoft مەزمۇن ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ساقلىشى ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى ۋە مەزمۇننى مەزمۇن كىملىك ئۇچۇرلىرى بىلەن باغلاشتۇرۇشى مۇمكىن. AI مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتەلمەيسىز ياكى مەزمۇن كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ۋىيا باشقا مەنبەئۇسۇللىرىنى، بەلگىلىرىنى ياكى سىگناللىرىنى چىقىرىۋېتىش، ئۆزگەرتىش، خۈنۈكلەشتۈرۈش ياكى يوشۇرۇش مەقسىتىدە مەزمۇن يارىتالمايسىز ۋەيا AI مۇلازىمەتلىرىنى، مەزمۇننىڭ AI مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىپ ھاسىللانغان ياكى ھاسىللانمىغانلىقى ھەققىدە باشقىلارنى خاتالاشتۇرۇش مەقسىتىدە مەزمۇن ھاسىللىماق ئۈچۈن ئىشلىتەلمەيسىز.
- viii. ئۈچىنچى تەرەپ تەلەپلىرى. ئالاقىدار قانۇن (نەشر ھوقۇقى ياكى سىز AI مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتكەندە چىقارغان مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ) بويىچە AI مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەرز-شىكايەت ۋە تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئۆزىڭىز يالغۇز مەسئۇل بولىسىز.
- ix. ئىشلىتىش چەكلىمىلىرى. يۇقىرىدىكى «ھەرىكەت مىزانى» غا رىئايە قىلىش بىلەن بىللە، مۇستەقىل ھالدا ياكى ھەرخىل سەۋىيەدىكى ئىنسان مۇداخىلىسى بىلەن قارار قىلىدىغانلارنى ياكى ھەرىكەت قوللىنىدىغانلارنى ھەم ئىچىگە ئالغان ھالدا AI مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىڭىزغا قوشۇلغان بولىسىز:
- 1. مۇۋاپىق ئىنسانى كۆزىتىش بولماستىن، ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قانۇنىي ئەھۋالى، مالىيە ئەھۋالى، ھايات پۇرسەتلىرى ياكى ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈستىدە ئاقىۋەت سۈپىتىدە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن بولغان ۋەيا بىر كىشىگە ياكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە جىسمانىي ياكى پسخولوگىيەلىك زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان قارارلار قىلماق ياكى ھەرىكەتلەر قوللانماق؛
- 2. بىر كىشىنىڭ قىلىقىنى زىيان كەلتۈرىدىغان بىر شەكىلدە ئوينىماق ياكى بۇرمىلىماق مەقسىتىدە ئالدىماق ياكى قەستەن ھالدا خاتا مەلۇماتلاندۇرماق (مەسىلەن، ساختا ئېلان) ۋەيا ئاڭئاستى تېخنىكىلىرىنى (مەسىلەن، كۆرۈنۈملۈك، ئاۋازلىق ياكى نورمال بىر كىشىنىڭ ئاڭقارما دائىرىسىنىڭ تاشايىنىدىكى باشقا سىگناللار) ئىشلەتمەك؛
- 3. بىر كىشىنىڭ يېشى، مېيىپلىقى، ياكى مۇئەييەن ئىجتىمائىي ياكى ئىقتىسادى ئەھۋالى سەۋەبىدىن ھەرقانداق بىر ئاجىز تەرەپلىرىنى، شۇ كىشىنىڭ ياكى شۇ گۇرۇپپىغا تەۋە بىر كىشىنىڭ قىلىقلىرىنى، ئۇ كىشىگە ياكى باشقا بىر كىشىگە كۆرۈنەرلىك زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋەيا مۇۋاپىق ھالدا زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بىر شەكىلدە ماددىي ھالەتتە بۇرمىلاش مەقسىتىدە ياكى بۇ مەقسەت بىلەن قوللانماق؛
- 4. مۇئەييەن كىشىلەرگە ياكى كىشى گۇرۇپپىلىرىغا قارىتا ئايرىمچى، ھەقسىز، تەرەپۋاز، بۇزغۇنچى،، پايدىسىز ياكى زىيانلىق مۇئامىلىگە باشلاپ بارىدىغان ئىجتىمائىي دەرىجىلەش ياكى تەخمىنگە ئاساسلانغان پروفىل تۈزمەك ئۈچۈن:
- 5. نوقۇل ھەقىقىي بىر كىشىنىڭ پروفىلىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ياكى ئۇنىڭ شەخسىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ۋە خاراكتېرلىرىنىڭ باھالىنىشىغا ئاساسلانغان ھەقىقىي كىشىلەرنىڭ جىنايەتكارلىق خەتىرىنىڭ باھالىنىشى ئۈچۈن. بۇ چەكلەش، بىر كىشىنىڭ بىر جىنايەت پائالىيىتىگە چېتىلىشىنىڭ ئىنسان تەرىپىدىن باھالىنىشىنى قوللىماق ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ۋە ئاللىقاچان بىر جىنايەت پائالىيىتىگە بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئوبيېكتىپ ۋە دەلىللىگىلى بولىدىغان پاكىتلارغا ئاساسلانغان AI مۇلازىمەتلىرى ئۈچۈن قوللىنىلمايدۇ.
- 6. بىيومېترىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان ھالدا، بىيومېترىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان رەسىم قاتارلىق قانۇنىي شەكىلدە ئىگە بولغان بىيومېترىك مەلۇمات توپلاملىرىنىڭ ئېتىكەتلىنىشى ياكى فىلتېرلىنىشى ۋەيا قانۇن ئىجراسى ساھەسىدە كاتېگورىيەلەشتۈرۈشتىن باشقا، ئىنسانلارنى كاتېگورىيەلەشتۈرمەك ياكى ئېرقلىرىنى، سىياسى قاراشلىرىنى، سودا ئۇيۇشمىسى ئەزالىقىنى، دىنىي ياكى پەلسەپىۋى ئىتىقادلىرىنى ۋەيا جىنسىي تۇرمۇشلىرىنى ياكى جىنسىي يۆنىلىشلىرىنى مۆلچەرلىمەك ياكى خۇلاسىگە بارماق ئۈچۈن؛
- 7. ئىنتېرنېتتىن ياكى CCTV (يېپىق لىنېيەلىك كۆزىتىش كامېراسى) ۋىدېيو سۈرەتلىرىدىن يۈز رەسىملىرىنى نىشانلانمىغان تارتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق يۈز تونۇش مەلۇمات توپلاملىرى ياراتماق ياكى كېڭەيتمەك ئۈچۈن؛
- 8. كونترولسىز، «ۋەھشىي» مۇھىتلاردا شەخسلەرنى كىملىكلەندۈرۈشكە ئۇرۇنماق ئۈچۈن يەرشارى مىقياسىدا ھەرقانداق بىر قانۇن ئىجراسى ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن كۆچمە كامېرالاردىكى ھەرقانداق بىر ئەمەلىي ۋاقىتتىكى يۈز تونۇش تېخنولوگىيەسى ئۈچۈن، ۋە بۇ، گۇماندارلار ياكى ئىلگىرىكى جىنايەتچىلەر ھەققىدىكى بىر مەلۇمات ئامبىرىدا تېپىلغان شەخسلەرنى كىملىكلەندۈرۈشكە ئۇرۇنماق ئۈچۈن يۈز تونۇش تېخنولوگىيەسىنى ئىشلەتكەن بەدەنگە تاقىلىدىغان ياكى كونترول پانېلىغا ئورنىتىلغان كامېرالار ئىشلەتكەن چارلاۋاتقان ساقچى مەمۇرلىرىنى ھەم ئىچىگە ئالىدۇ (ئەمما بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ)؛ ياكى
- 9. ئىنسانلارنىڭ تۇيغۇ ھالەتلىرىنى جىسمانىي، پسخولوگىيەلىك ياكى قىلىق خاراكتېرلىرىدىن (مەسىلەن، يۈز ئىپادىلىرى، يۈز ھەرىكەتلىرى، ياكى سۆزلەش تەرزلىرى) پەملەشكە ئۇرۇنماق، جۈملىدىن غەزەپ، يىرگىنىش، بەخت، قايغۇ، ھەيرانلىق، قورقۇش قاتارلىق تۇيغۇلارنى ياكى بىر كىشىنىڭ تۇيغۇ ھالىتىنى تەسۋىرلىمەك ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان باشقا ئاتالغۇلارنى پەملىمەك ئۈچۈن.
خەۋەرلىشىم مۇلازىمەتلىرى
- q. خەۋەرلىشىم مۇلازىمەتلىرى. Skype، Teams، Outlook ۋە GroupMe قاتارلىق ئەمما بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمىگەن ھالدا شەخسلەر ئارىسىدىكى خەۋەرلىشىشكە ئىمكان بېرىدىغان مۇلازىمەتلەر، بۇ «شەرتلەر» بىلەن بىرلىكتە https://aka.ms/useterms دا جايلاشقان قوشۇمچە ئىشلىتىش شەرتلىرى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ.
ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار
14. ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار. بۇ ماددا ۋە 1، 9-ماددىلار (بۇ شەرتلەر ئاياغلىشىشتىن بۇرۇنقى سومما ئۈچۈن)، 10، 11، 12، 15، 17-ماددىلار مەزكۇر شەرتلەرنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىنمۇ كۈچكە ئىگە ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. بىز بەلكىم بۇ كېلىشىملەرنى تەقسىملەپ، بۇ كېلىشىملەردىكى مەجبۇرىيەتلەرگە ئاساسەن باشقا ساھەدىكىلەر يەنە ئىجازەت بېرىش ئۇقتۇرۇشى قىلغاندا بىز كېلىشى بويىچە پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالەتتە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇقتۇرۇش قىلىمىز بۇ كېلىشىم ياكى مەزكۇر مۇلازىمەت ھەققىدىكى ھەرقانداق ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ بۇ Microsoft ياكى جۇڭگولۇق تەمىنلىگۈچى سودىگەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان مۇلازىمەت كېلىشىمى ئۇ سىز ۋە Microsoft ياكى جۇڭگولۇق تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ئارىسىدىكى ئىلگىرىكى ھەرقانداق كېلىشىمنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ بۇ كېلىشىمگە قوشۇلۇشتىن ئىگىرى ئىلگىرىكى ھەرقانداق بايانات، ئىلتىماس، كاپالەت، چۈشەنچە، ۋەدىنامە قاتارلىقلار بارمۇ يوق، ۋەدە ياكى كاپالەتتىن باشقا ئېنىق كېلىشىم بارمۇ يوق ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك بۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسى ئالاقىدار قانۇنلار يول قويغان ئەڭ چوڭ دائىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ ئەگەر سوت مەھكىمىسى ياكى ھەكەملەر سوتى بىزنى بۇ كېلىشىمدە يېزىلغانلارنىڭ بىر قىسمىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشقا ئامالسىز دەپ قارىسا، ئۇنداقتا كېلىشىمنىڭ ماددىلىرىنى ئالاقىدار قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرغىلى بلىدىغان ماددىلارغا ئۆزگەرتىمىز، لېكىن كېلىشىمنىڭ قالغان قىسىملىرى ئۆزگەرمەيدۇ بۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي سىز ۋە بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن بۇ ماددىلار Microsoft نىڭ ئىز باسارلىرى ۋە جۇڭگو بازارلىرىدىكى تەمىنلىگۈچىلەردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. بەزى تېمىلاردىن پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، ھېچقانداق قانۇنى ئۈنۈمگە ئىگە ئەمەس.
15. تۆلەمنى چوقۇم بىر يىل ئىچىدە تۆلەپ بولۇش كېرەك. بۇ كېلىشىمگە ئالاقىدار ھەرقانداق تۆلەم بولسا چوقۇم سوتتا (ياكى 10(b) دېيىلگەندەك ھەكەملەر سوتىدا) ــ ــ يىلى دېگەندەك تۆلەم تۆلەيدىغان ئېنىق ۋاقىتنى بېكىتىش، يەرلىكتىكى قانۇندا قەرز تۆلەش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدىغان بولسا بولىدۇ. بۇ مەزگىل ئىچىدە تىلغا ئېلىنمىسا، ئۇنداقتا ئۇ مەڭگۈلۈك توختىتىۋېتىلگەن بولىدۇ.
16. ئېكىسپورت قانۇنى. مەزكۇر يۇمشاق دېتال ياكى / مۇلازىمەت كە بويسۇنۇشىڭىز كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە نىشان ئورۇندىكى چەكلىمىلەر، ئەڭ ئاخىرىقى ئىشلەتكۈچى ۋە ئەڭ ئاخىرىقى ئىشلىتىدىغان ئورۇن تەۋە بولغان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق ئېكىسپورت قانۇن، قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك مۇناسىۋەتلىك جۇغراپىيىلىك رايون ۋە ئېكىسپورت چەكلىمىسى توغرىسىدا يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، https://go.microsoft.com/fwlink/?linkid=868968 بىلەن https://www.microsoft.com/exporting نى زىيارەت قىلىڭ.
17. ھوقۇقنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەكلىپ. مەزكۇر شەرتلەردە ئېنىق ئېيتىلمىغانلا بولسا، Microsoft سىزگە Microsoft ياكى ھەرقانداق مۇناسىۋەتلىك گەۋدىگە تەۋە بولغان ھېچقانداق پاتېنت، بىلىم، نەشر ھوقۇقى، سودا مەخپىيەتلىكى، سودا ماركىسى ياكى باشقا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئىجازىتىنى بەرمەيدۇ، بۇ بىلىم-مۈلۈك ھەرقانداق نام، سودا كىيىمى، تۇغ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئەگەر Microsoft قا يېڭى مەھسۇلات، تېخنىكا، ئېتىبارلىق پائالىيەت، مەھسۇلات نامى، مەھسۇلات ھەققىدە تەكلىپ ۋە مەھسۇلاتنى ياخشىلاش ھەققىدە تەۋسىيە دېگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق پىكىر، تەۋسىيە، كۆزقاراش ياكى تەكلىپ (بۇلارنى «تەكلىپ-پىكىر» دەيمىز) بەرسىڭىز، Microsoft قا ھېچقانداق ھەق ياكى ھوقۇق تەلەپ قىلماي تەكلىپىڭىزنى ياساش، قۇرۇش، قايتا ئىشلەش، ئىشلىتىش، ئورتاقلىشىش ۋە تاۋارلاشتۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن بولىسىز. Microsoft نىڭ يۇمشاق دېتال، تېخنىكا ياكى ئارخىپلىرىنى ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپكە ئىجازەتلەش ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر بەرسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى Microsoft تەكلىپىڭىزنى شۇلارغا قوشىدۇ.
ئەسكەرتىش
بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىشنى ئۇقتۇرۇش ياكى ئەرز قىلىش ئۇسۇللىرى. Microsoft ئۈچىنچى تەرەپلەرنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. بىزگە بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلغان ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتمەكچى بولسىڭىز دەخلى ئۇقتۇرۇشى (https://www.microsoft.com/legal/intellectualproperty/infringement) بېتى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىڭ، ئۇمۇ بۇ شەرتلەرنىڭ بىر بۆلىكى. بۇ بەتتە پەقەت ئالاقىدار ئۇچۇرلارلا قوبۇللىنىدۇ، مۇناسىۋەتسىز ئۇچۇرلار قوبۇللانمايدۇ.
نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىغا ئىنكاس قايتۇرغاندا Microsoft ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالاقىدار 17-قانۇنىدىكى 512-ماددا ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى 2022/2065 نومۇرلۇق قانۇنىنىڭ III بابىغا تايىنىدۇ. زۆرۈر تېپىلسا، Microsoft شىركىتى تەكرار دەخلى قىلغۇچىلارنىڭ ھېساباتى ۋە Microsoft مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىشى مۇمكىن. يەنە شەخس ياكى ئورۇنلار پاكىتسىز ھالدا باشقىلارنىڭ دەخلى قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش يوللاۋەرسە، Microsoft ئۇلارنىڭ ئۇقتۇرۇشىنىمۇ توڭلىتىپ قويۇشى مۇمكىن. ھوقۇق دەخلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى ھەمدە بۇ جەرياننىڭ بىر بۆلىكى سۈپىتىدە Microsoft نىڭ چىقىرىدىغان قارارى ھەققىدىكى باشقا تەپسىلاتلارنى دەخلى ئۇقتۇرۇشى (https://www.microsoft.com/legal/intellectualproperty/infringement) بېتىدىن كۆرۈڭ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە ئېلان بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر سوئاللار بىزنىڭ ئېلاننىڭ توردىكى بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر مەزمۇنلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى قوللانمىسى (https://go.microsoft.com/fwlink/?LinkId=243207) نى ئوقۇڭ.
نەشىر ھوقۇقى ۋە ماركا باياناتى مەزكۇر مۇلازىمەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى ©2018 Microsoft شىركىتى ۋە / ياكى ئۇنى تەمىنلىگۈچى سودىگەرلىرى One Microsoft Way, Redmond, WA 98052, U.S.A ئىگىلىك ھوقۇقلۇق. شەرتلەرگە Microsoftسودا ماركىسى كۆرسەتمىسى (https://www.microsoft.com/en‑us/legal/intellectualproperty/trademarks) (داۋاملىق قوشۇلىدۇ) بىرىكتۈرۈلدى. Microsoft ۋە بارلىق Microsoft مەھسۇلاتى، يۇمشاق دېتاللىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ نامى، تۇغى ۋە بەلگىلىرى Microsoft ياكى ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە/ياكى باشقا دۆلەتتە تىزىملاتمىغان ياكى تىزىملاتقان سودا ماركىسى بولۇشى مۇمكىن. تولۇق بولمىغان Microsoft سودا ماركىلىرىنىڭ تىزىملىكى https://cdn‑dynmedia‑1.microsoft.com/is/content/microsoftcorp/microsoft/mscle/documents/presentations/TrademarksListFY25Q3.pdf دە بېرىلدى. ئەمەلىي شىركەت ۋە مەھسۇلات نامىنىڭ بەلكىم ئۆز ئالدىغا ماركا ئىگىسى بولۇشى مۇمكىن بۇ ماددىلاردىن ئېنىق ھوقۇق بېرىلمىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ بەزى Microsoft تور بېكەتلىرىنىڭ مۇلازىمېتىرىدا ئىشلىتىلگەن يۇمشاق دېتالنىڭ زاپچاسلىرى مۇستەقىل ھالدىكى JPEG گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قىسمى نەشىر ھوقۇقى © 1991-1996 Thomas G. Lane. نەشىر ھوقۇقى بەزى Microsoftتور مۇلازىمىتىرىدە قوللىنىلغان « gnuplot » دەيدىغان يۇمشاق دېتالنىڭ نەشىر ھوقۇقى 1986-1993 توماس ۋىليامسون، كوللىن كېللىيغا تەۋە نەشىر ھوقۇقى
تېببىي ئەسكەرتىش Microsoft ھەرقانداق تېببىي مۇلازىمەت ياكى ساغلاملىق مۇلازىمىتى، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ دائىم دوختۇرىڭىز ياكى باشقا لاياقەتلىك سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىدىكى تەمىنلىگۈچى بىلەن بەزى داۋالاش شارائىتلىرى، يىمەك-ئىچمەك، بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ۋە ساغلاملىق ھەققىدىكى تەۋسىيەلەرنى ئىزدەيسىز كەسپىي داۋالاش ئاپاراتلىرىدىن مەسلىھەت سوراشقا سەل قارىماڭ ياكى ئۇچۇرنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاقتىنى كەينىگە سۆرىمەڭ، چۈنكى سىز مۇلازىمەت ئارقىلىق ئۇنى زىيارەت قىلالايسىز
پاي چېكى باھاسى ۋە ئىندىكىسلىق سانلىق مەلۇمات (ئىندىكىسلىق قىممەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)«مۇلازىمەتلەر» ئارقىلىق تەمىنلەنگەن مالىيەۋى مەلۇماتلار پەقەت شەخسىي، غەيرى-تىجارىي شەكىلدە ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈندۇر. ھەرقانداق بىر مالىيەۋى ۋاسىتە ياكى مەبلەغلەش مەھسۇلاتىنىڭ چىقىرىلىشى، يارىتىلىشى، سپونسورلۇقى، ئېلىم-سېتىمى، بازارلىنىشى ياكى تەشۋىقلاشقا ئالاقىدار ھەر قانداق بىر ئۈچىنچى تەرەپ ئىجازەتنامىلىگۈچىنىڭ بىرەر مالىيە بەرمىلىرىنى ياكى بەلگىلىرىنى (مەسىلەن، ئىندېكسلار، تۆرەتمىلەر، قۇرۇلمىلانغان مەھسۇلاتلار، مەبلەغلەش فۇندلىرى، بىرژىدا ئېلىم-سېتىم قىلىنغان فۇندلار، مەبلەغلەش پورتفېللىرى قاتارلىق ۋاسىتە ياكى مەبلەغلەش مەھسۇلاتىنىڭ باھاسى، قايتۇرمىسى ۋە/ياكى ئىجرائاتى ئاساسلىنىدىغان، مۇناسىۋەتلىك بولىدىغان، ياكى ھەرقانداق بىر مالىيە بەرمىلىرىنى ئىزلاشنى مەقسەت قىلىدىغان يەرلەردە) ئۈچىنچى تەرەپ ئىجازەتنامىلىگۈچى بىلەن ئايرىم يازما كېلىشىم بولماستىن ئىشلەتسىڭىز بولمايدۇ.
پۇل-مۇئامىلە ساھەسى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش Microsoft مەبلەغ ئارىچىسى/ۋاسىتىچىسى ئەمەس ياكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فېدېراتسىيە پۇل-فوند قانۇنى ياكى پايچەك قانۇنى بويىچە ھەرقانداق تەۋەلىكتە مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك كەسپى تىزىملاتمىغان، ئۇ ھېچقانداق پايچەك، فوند ياكى باشقا مەبلەغ مەھسۇلاتلىرىغا مەبلەغ سېلىش، ئۇلارنى سېتىۋېلىش ياكى سېتىش ھەققىدە مەسلىھەت بەرمەيدۇ. بۇ مۇلازىمەتتە ھېچقانداق مەزمۇن بولمىسا سىزنى قىزىقتۇرىدىغان ھېچقانداق پاي چېكى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش مەشغۇلاتى بولمايدۇ مەيلى Microsoft ياكى پاي چېكى مەلۇماتى ياكى ئىندىكىسلىق سانلىق مەلۇماتىدىكى ھوقۇق ئىجازىتى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتى ياكى مۇلازىمىتىنى تەۋسىيە قىلىدۇ مۇلازىمەتتىكى مەبلەغ ياكى باجغا ئائىت ھەرقانداق ئۇچۇر كەسپىي مەسلىھەت ئەمەس.
H.264/AVC ۋە VC-1 سىن ئۆلچەملىرى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش. يۇمشاق دېتالدا MPEG LA, L.L.C. ئىجازەتلىگەن H.264/AVC ۋە/ياكى VC-1 كودلاش تېخنىكىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ سىنلىق مەلۇماتنى قىسىدىغان فورمات تېخنىكىسىدۇر. MPEG LA, L.L.C. بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقارغان:
بۇ مەھسۇلات H.264/AVC ۋە VC-1 پاتېنتى ئاساسىدا ئىستېمالچىلارنىڭ سودا خاراكتېرىنى ئالمىغان شەكىلدە (A) ئۆلچەم (سىن ئۆلچەملىرى) بويىچە سىن كودلاش ۋە/ياكى (B) ئىستېمالچىلار سودا خاراكتېرىنى ئالمىغان شەخسىي شەكىلدە بىر تەرەپ قىلغان ۋە/ياكى ئىجازەتلىك سىن تەمىنلىگۈچى ئارقىلىق ئېرىشكەن H.264/AVC ۋە VC-1 فورماتلىق سىنلارنى يېشىش ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە ئىجازەتلەنگەن. باشقا شەكىلدە ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىلمىگەن ۋە بېرىلمەيدۇ. باشقا تەپسىلاتلارنى MPEG LA, L.L.C. دىن سۈرۈشتۈرۈڭ. باشقا ئۇچۇرلارنى MPEG LA تور بېكىتى (https://www.mpegla.com) ئارقىلىق كۆرەلەيسىز.
بۇ ئۇقتۇرۇش مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى مەزكۇر كېلىشىم بويىچە سودا ئورۇنلىرىدا شەخسىي ئىشلىتىشنى چەكلىمەيدۇ، ئەمما سودا ئورۇنلىرىدا (i) ئۈچىنچى تەرەپكە تارقىتىش ياكى (ii) «سىن ئۆلچەملىرى» تېخنىكىلىرى ئارقىلىق ماتېرىيال ئىشلەش ۋە تارقىتىشقا بولمايدۇ.
H.265/HEVC سىن ئۆلچەملىرى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش. بۇ يۇمشاق دېتالدا H.265/HEVC كودلاش تېخنىكىسى بولۇشى مۇمكىن. Access Advance LLC بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقارغان:
بۇ يۇمشاق دېتالدا H.265/HEVC تېخنىكىسى بار بولسا، ئۇ تۆۋەندە دېيىلگەن HEVC پاتېنتىغا تەۋە: PATENTLIST.ACCESSADVANCE.COM. بۇ يۇمشاق دېتالغا ئېرىشىش ئۇسۇلىڭىزغا قاراپ، بۇ مەھسۇلات HEVC ئالىي پاتېنتىغا تەۋە بولۇشى مۇمكىن.
بۇ يۇمشاق دېتال Microsoft ئۈسكۈنىسىگە قاچىلانسا، قوشۇمچە ئىجازەت ئۇچۇرلىرىنى بۇ يەردىن تاپالايسىز: .aka.ms/HEVCVirtualPatentMarking.
ئۆلچەملىك قوللىنىشچان پروگراممىنىڭ ئىجازەت بېرىلگەن ماددىلىرى
جۇڭگودا تەمىنلەنگەن ئەپلەرنىڭ
ئۆلچەملىك ئەپ ئىجازەت شەرتلىرى
MICROSOFT STORE، MICROSOFT STORE نىڭ WINDOWS نەشرى ۋە MICROSOFT STORE نىڭ XBOX نەشرى
بۇ ئىجازەت ماددىلىرى بولسا سىز بىلەن قوللىنىشچان پروگرامما ئېلان قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇڭ ئۇلار سىز Windows ياكى Xbox تىكى Microsoft Store دىن چۈشۈرگەن ئەپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەرقانداق قوشۇمچە ياكى يېڭىلانمىلىرىغا قوللىنىلىدۇ (بۇ دۇكانلار شەرت ۋە كېلىشىملەردە «دۇكان» دېيىلدى)، ئەگەر ئەپنىڭ ئايرىم كېلىشىم ۋە شەرتلىرى بار بولسا، شۇلار قوللىنىلىدۇ.
قوللىنىشچان پروگراممىنى چۈشۈرۈش ۋە قوللىنىش مەشغۇلاتى قىلسىڭىز ياكى قىلماقچى بولسىڭىز بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك ئەگەر قوبۇل قىلمىسىڭىز قوللىنىشچان پروگراممىنى چۈشۈرۈش ۋە قوللىنىش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ
ئەپ تارقاتقۇچى Windows دىكى Microsoft Store ياكى Xbox دىكى Microsoft Store ئارقىلىق سىز ئىشلەتكەن ئەپلەرنى ئىجازەتلەپ تارقىتىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئەگەر بۇ شەرتلەرگە بويسۇنسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكىدەك ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولالايسىز
- 1. قوراشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقى؛ مۇددىتى Microsoft نىڭ ئىشلىتىش قائىدىسى (https://go.microsoft.com/fwlink/p/?LinkId=723143) بويىچە Windows ئۈسكۈنىسى ياكى Xbox سۇپىسىغا ئەپ قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز. Microsoft شىركىتى Microsoft نىڭ ئىشلىتىش قائىدىسى (https://go.microsoft.com/fwlink/p/?LinkId=723143)نى خالىغان ۋاقىتتا ئۆزگەرتىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
- 2. تور مۇلازىمىتى
- a. تور مۇلازىمىتى ياكى سىمسىز تور مۇلازىمىتى ئىشلىتىشكە قوشۇلىمەن ئەگەر قوللىنىشچان پروگرامما ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق كومپيۇتېرغا ئۇلانغان بولسا، بۇنىڭ ئىچىدە سىمسىز تور ئارقىلىق بولۇشمۇ بار، بۇ قوللىنىشچان پروگرامما مەشغۇلاتى ئارقىلىق ئۆلچەملىك ئۈسكۈنە ئۇچۇرى (بۇ پەقەتلا تېخنىكىلىق ئۇچۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنىلا ئۆز ئىچىە ئېلىپلا قالماي، يەنە سىستېما ۋە قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالنىڭ ئەۋەتىلىشى ۋە سىرتتىن ئۇلانغان ئۈسكۈنىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تور مۇلازىمىتى ياكى سىمسىز تور مۇلازىمىتى قىلىدۇ. ئەگەر باشقا شەرتلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قوللىنىشچان پروگراممىنى ئىشلىتىشىڭىزگە ئۇيغۇن كەلسە، ئۇلارنىمۇ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ
- b. قالايمىقان ئىشلىتىلگەن تور مۇلازىمىتى بەلكىم باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تور مۇلازىمىتى ياكى سىمسىز تور قاتارلىقلارنى ئىشلىتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن بەلكىم بۇ مۇلازىمەت ئارقىلىق زىيارەت قىلىش روخسەت قىلىنمىغان ھەرقانداق مۇلازىمەت، سانلىق مىقدار، ھېسابات نومۇر ياكى تورنى ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئاچالماسلىقىڭىز مۇمكىن
- 3. يول قويۇش دائىرىسى بۇ قوللىنىشچان پروگراممىنىڭ ئىجازەتنامىسى سېتىلمايدۇ مەزكۇر كېلىشىم سىزنى قوللىنىشچان پروگراممىنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى بەزىبىر ھوقۇقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ئەگەر Microsoft, OPG ياكى NetEase كېلىشىم بويىچە ئۈسكۈنىڭىزدە ئەپ ئىشلىتىشنى چەكلىسە، مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتلەر بىكار قىلىنىدۇ.ئەپ تارقاتقۇچى باشقا بارلىق ھوقۇقلارنى ساقلاپ قالىدۇ. ماس ھالدىكى قانۇن سىزگە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇقلارنى بەرگەن بولمىسىلا، سىز بۇنى پەقەت كېلىشىم يول قويغان دائىرىدىكى قوللىنىشچان پروگراممىلاردىلا ئىشلىتەلەيسىز شۇڭا سىز چوقۇم ھەرقانداق تېخنىكىلىق چەكلىمىگە ئەمەل قىلىپ، ئىشلىتىش يول قويۇلغان دائىرىدە مەشغۇلات قىلىشىڭىز كېرەك قىلالمايدىغانلىرىڭىز:
- a. قوللىنىشچان پروگراممىدىكى ھەرقانداق تېخنىكىلىق چەكلىمىنى بىر تەرەپ قىلىش
- b. تەتۈر يۆنىلىشلىك قۇرۇلۇش، شىفىر يېشىش ياكى چۇۋۇش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ، قانۇندا ئېنىق ئىجازەت بېرىلگەن بولمىسىلا، بۇ چەكلىمىلەرنى قوبۇل قىلمىسىمۇ بولىدۇ
- c. قوللىنىشچان پروگراممىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى كۆپ قىلىۋالغاندىن كۆرە، گەرچە بۇ توغرىدا چەكلىمە بار بولسىمۇ، مەزكۇر كېلىشىمنى قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى قانۇنغا ماسلاشتۇرغان ئاساستا قىلغان ياخشى.
- d. ئېلان قىلىش ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ نۇسخىلاپ ئىشلىتىشىگە تەمىنلىگىلى بولىدۇ
- e. قوللىنىشچان پروگراممىنى ئىجارىگە بېرىش، ئارىيەت بېرىش ۋە ئارىيەت ئېلىشقا بولىدۇ
- f. ئەپ ياكى كېلىشىمنى باشقا ئۈچىنچى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش.
- 4. ئارخىپ ئەگەر ئارخىپتا قوللىنىشچان پروگرامما بار بولسا، ئۇنى نۇسخىلاپ خۇسۇسىي ئارخىپتا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ
- 5. پەن-تېخنىكا ۋە ئېكىسپورت چەكلىمىسى مەزكۇر قوللىنىشچان پروگرامما ئامېرىكا ياكى خەلقئارالىق تېخنىكا كونتروللۇقى ياكى ئېكىسپورت قانۇنى ياكى قائىدىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قوللىنىشچان پروگراممىنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار تېخنىكىلا ھەققىدىكى قانۇن ۋە ئېكىسپورت قانۇنلىرىغا بويسۇنۇشىڭىز كېرەك بۇ قانۇنلار نىشان ئورۇندىكى چەكلىمە، ئەڭ ئاخىرقى ئىشلەتكۈچى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئىشلىتىش ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ Microsoft ماركىسىدىكى مەھسۇلاتلار ئۇچۇرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، غا كىرىڭ، Microsoft ئېكىسپورت تور بېتى ئۈچۈن (https://go.microsoft.com/fwlink/?linkid=868967) غا كىرىڭ
- 6. تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلەر مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن-تەمىنلىمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن قوللىنىشچان پروگراممىنى ئېلان قىلغۇچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىڭ Microsoft, OPG, NetEase، قاتتىق دېتال ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە سىمسىز مۇلازىمەت يۈرۈتكۈچى (لەرنىڭ ھېچقايسىسى ئەپ تارقاتقۇچى بولمىسىلا) ئەپكە ياردەم مۇلازىمىتى تەمىنلەشكە مەسئۇل ئەمەس.
- 7. مۇكەممەل كېلىشىم بۇ كېلىشىم، ھەرقانداق ئالاقىدار مەخپىيەتلىك تۈزۈمى، ئەپتە بېرىلگەن ھەرقانداق قوشۇمچە شەرتلەر ۋە قوشۇمچە ۋە يېڭىلانمىلار ئۈچۈن بېرىلگەن شەرتلەر قوشۇلۇپ، شۇ ئەپنىڭ تولۇق ئىجازەت كېلىشىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
- 8. قوللىنىشقا بولىدىغان قانۇن
- a. ئامېرىكا ۋە كانادا. ئەپنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياكى كانادادا ئالغان بولسىڭىز، ئۇ ئەپنى سىز تۇرۇشلۇق ئىشتات (ياكى كارخانا بولسىڭىز كارخانىڭىز تەۋە ئورۇن) نىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى باشقۇرىدۇ؛ (ئىستېمالچىلارنى قوغداش، تەڭسىز رىقابەت قاتارلىق) بارلىق قانۇنىي تالاش-تارتىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ تەۋەلىكنىڭ قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
- b. ئامېرىكا ۋە كانادادىن باشقا دۆلەتلەر باشقا ھەرقانداق دۆلەتتىن ئېرىشكەن قوللىنىشچان پروگرامما شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشى كېرەك
- 9. قانۇنىي ئۈنۈم بۇ كېلىشىم قانۇندا بەلگىلەنگەن بىر قىسىم ھوقۇقلارغا ئاساسەن تۈزۈلدى بەلكىم سىز تۇرىۋاتقان ئىشتات ياكى دۆلەتنىڭ باشقا قۇنۇن-تۈزۈم ۋە بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرى بار بولۇشى مۇمكىن ئەگەر سىز تۇرىۋاتقان ئىشتات ياكى دۆلەتنىڭ قانۇنىدا يول قويۇلمىغان بولسا، مەزكۇر كېلىشىمدىكى ھوقۇقىڭىزنى شۇ ئىشتات ياكى دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىشىڭىزگە بولمايدۇ.
- 10. جاۋابكارلىق كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ماددىلار ئەپ «شۇ ھالىتى» ۋە «بارچە نۇقسانلىرى» بىلەن ئىجازەتلىنىدۇ، ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل. ئەپ تارقاتقۇچى ئۆزى، (ئەگەر Microsoft ئەپ تارقاتقۇچى بولمىسا) Microsoft، ھەمدە OPG، قانداق مۇلازىمەت ئىشلىتىشىڭىز بويىچە سىمسىز مۇلازىمەت يۈرۈتكۈچى، NetEase ۋە باشقا بارلىق تەمىنلىگۈچى، ھەمكارلاشقۇچى ۋە ۋەكىللىرىمىز ئەپكە ئالاقىدار ھېچقانداق كاپالەت بەرمەيدۇ. ئەپنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكى، قولايلىقى ۋە ئىپادىسى ھەققىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتكە ئۆزىڭىز ئىگە. ئەگەر قوللىنىشچان پروگراممىدا نۇقسان بار بولسا، سىز بارلىق مۇلازىمەت ھەققى ياكى رىمۇنت قىلغاندىكى بارلىق ھەقلەرنى ئۈستىڭىزگە ئالىسىز يەرلىك قانۇن ۋە باشقا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئاساسەن، بۇ كېلىشىمنى ئۆزگەرتەلمەيسىز ئالاقىدار تەرەپلەر ئەپنىڭ سودا خاراكتېرى، مەلۇم مەقسەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى، بىخەتەرلىكى، قولايلىقى ۋە ساختا ئەمەسلىكى ھەققىدە سىز تۇرۇشلۇق جايدىكى يەرلىك قانۇن يول قويغان ئەڭ زور چەكتە مەسئۇلىيەت ۋە كاپالەتتىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ.
- 11. زىيان ۋە تۆلەمنى چەكلەش ۋە چىقىرىپ تاشلاش قانۇن يول قويغان دائىرىدا سىز پەقەت قوللىنىشچان پروگرامما ئېلان قىلغۇچىدىنلا تۆلەم تەلەپ قىلالايسىز، تەلەپ قىلغان تۆلەم سىز مەزكۇر قوللىنىشچان پروگرامما ئۈچۈن تۆلىگەن پۇلنىڭ سوممىسى بىلەن باراۋەر بولىدۇ ياكى بىر دوللار بولىدۇ، يۇقىرى سومما ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ھەرقانداق زىياننى تۆلىتىۋېلىش ياكى ئورنىنى تولدۇرىۋېلىش ھوقۇقىڭىزدىن ۋاز كەچمەيسىز، مەسىلەن ۋاستىلىك زىيان، پايدىدىن ئايرىلىپ قېلىش، قوللىنىشچان پروگراممىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تارتقان زىيانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بولسا:
- ھەرقانداق قوللىنىشچان پروگرامما ياكى قوللىنىشچان پروگرامما ئارقىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ۋە
- ۋەدىگە خىلاپلىق قىلسا تۆلەم تۆلەش، كاپالەت ياكى شارائىت؛ كەسكىن مەسئۇلىيەت، بىپەرۋالىق قىلىش، ياكى باشقا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى؛ قانۇن ياكى قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىش؛ ناتوغرا يول بىلەن پايدىغا ئېرىشىش؛ ياكى باشقا ھەرقانداق نەزەرىيەگە ئېسىلىۋېلىش؛ ھەممىسىنى قانۇن يول قويغان دائىرىدە ئىشلىتىش
ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى يەنە:
- بۇ تەدبىر تارتقان زىيىنىڭىزنى تەلتۈكۈس تۆلەپ بېرەلمەيدۇ، ياكى
- بۇ قوللىنىشچان پروگراممىنى ئېلان قىلغۇچى بۇنداق زىياننىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ياكى چوقۇم بىلىشى كېرەك
ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مۇلازىمەتلەر
تۆۋەندىكى مەھسۇلات، app لەر ۋە مۇلازىمەتلەر Microsoft مۇلازىمەت كېلىشىمىدە بار، لېكىن سىزنىڭ بازىرىڭىزدا يوق بولۇشى مۇمكىن
- Account.microsoft.com
- Bing Apps
- Bing Image and News (iOS)
- Bing Search APIs/SDKs
- Bing Translator
- Bing Webmaster
- Bing ئىزدەش ئەپى
- Bing بەتلىرى
- Bing خەرىتىسى
- Bing دىكى Microsoft ئىزدىگۈچ
- Bing قايتۇرمىسى
- Bing لۇغىتى
- Bing.com
- Bingplaces.com
- Clipchamp
- Cortana skills by Microsoft
- Cortana
- Default Homepage and New Tab Page on Microsoft Edge
- Dev Center App
- Dictate
- education.minecraft.net
- Face Swap
- Feedback Intake Tool for Azure Maps (aka “Azure Maps Feedback”)
- Forms.microsoft.com
- forzamotorsport.net
- Groove Music Pass
- Groove
- GroupMe
- LineBack
- Microsoft 365 Business Standard, Microsoft 365 Business Basic, Microsoft 365 Apps, Microsoft 365 app, Microsoft 365 Copilot, Microsoft 365 Copilot app, and Microsoft 365 Copilot Chat*
- *Until a commercial domain is established for use of these services, at which time separate Microsoft commercial terms will govern instead.
- Microsoft 365 Consumer
- Microsoft 365 Family
- Microsoft 365 Personal
- Microsoft 365 ئىختىيارىي باغلانما ئىقتىدار
- Microsoft 365 ئىستېمالچىلار مۇشتەرىلىكىدىكى ئەپ ۋە مۇلازىمەتلەر
- Microsoft 365 ئۆي نەشرىدىكى ئەپ ۋە مۇلازىمەتلەر
- Microsoft 365 باشلانغۇچ نەشرىدىكى ئەپ ۋە مۇلازىمەتلەر
- Microsoft 365 تور نەشرى
- Microsoft 365 شەخسىي نەشرىدىكى ئەپ ۋە مۇلازىمەتلەر
- Microsoft 365 نىڭ ھەقسىز نەشرى
- Microsoft Academic
- Microsoft Add-Ins for Skype
- Microsoft Bots
- Microsoft Copilot
- Microsoft Defender شەخسىي نەشرى
- Microsoft Educator Community
- Microsoft Launcher
- Microsoft Loop
- Microsoft Math Solver
- Microsoft Pay
- Microsoft Pix
- Microsoft Reading Coach
- Microsoft Research Interactive Science
- Microsoft Research Open Data
- Microsoft Rewards
- Microsoft Soundscape
- Microsoft Sway
- Microsoft Translator
- Microsoft ئائىلە
- Microsoft تام قەغىزى
- Microsoft توپلام
- Microsoft خېرىدارلار ياردەم مەركىزى (ئىستېمالچى)
- Microsoft سالامەتلىك
- Microsoft كىنو-تېلېۋىزىيەسى
- Microsoft ھېسابات نومۇرى
- Microsoft ئېلان قىلغان Windows ئويۇن، ئەپ ۋە توربېكەتلىرى
- Minecraft Realms Plus and Minecraft Realms
- Minecraft ئويۇنى
- Mixer
- MSN (ئىلگىرى Microsoft Start دەپ ئاتالغان)
- MSN تور كۆرگۈچ
- MSN تەنتەربىيىسى
- MSN خەۋەرلىرى
- MSN ساغلاملىق ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش
- MSN ساياھىتى
- MSN سۇغۇرتىسى
- MSN نومۇر بېسىش
- MSN يىمەكلىك ۋە ئىچىملىك
- MSN پۇلى
- MSN ھاۋارايى
- MSN.com
- Office 365 ئۈچۈن Microsoft ياردەملىرى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياردەمچىسى
- Office Store
- OneDrive.com
- OneDrive
- OneNote.com
- Outlook.com
- Paint 3D
- Presentation Translator
- rise4fun
- Seeing AI
- Send
- Skype in the Classroom
- Skype Manager
- Skype.com
- Skype
- Smart Search
- Snip Insights
- Spreadsheet Keyboard
- Sway.com
- to-do.microsoft.com
- Translator for Microsoft Edge
- Translator Live
- Universal Human Relevance System (UHRS)
- UrWeather
- ux.microsoft.com
- Video Breakdown
- Visio Online
- Web Translator
- whiteboard.office.com
- Windows Live Mail
- Windows Live Writer
- Windows Movie Maker
- Windows دۇكىنى
- Windows سۈرەت ئالبۇمى
- Windows غا ئۇلاش
- Xbox Game Pass
- Xbox Game Studios ئويۇن، ئەپ ۋە توربېكەتلىرى
- Xbox Live Gold
- Xbox Live
- Xbox Music
- Xbox Store
- توپلام
- خەرىتە Appى
- دۇكان
- قىسقا ئۇچۇر رەتلىگۈچ ئەپ
- كېيىنكى ئېكران قۇلۇپلاش
- نىڭ رەسىم ئىجادچىسى Microsoft Designer
- يانفون ئۇلاش
- ئۈسكۈنىلەرنىڭ ساغلاملىق Appى